سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17

    تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس ئەركىن ھامۇت

    ئۇيغۇرلاردا ‹‹خەلق خاتىرجەملىكنى تىلەيدۇ، دۈشمەن مالىمانچىلىقنى›› دەيدىغان ماقال بار. بۇ ماقال بىزگە شۇنى ئوچۇق ئېيتىپ بېرىدۇكى، مالىمانچىلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى پەيدا قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ھەرقانداق كىشى دەل بىزنىڭ دۈشمىنىمىز. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم كادىرلار ۋە ئامما ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل سەپسەتىلىرىگە، قۇتراتقۇلۇقىغا، قايمۇقتۇرۇشىغا ئالدىنىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت يولىغا مېڭىپ، بىزنىڭ دۈشمىنىمىزگە ئايلاندى، بۇ ھال كىشىنى ئىنتايىن ئېچىندۇرىدۇ.

    پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلىگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا شۇنداق دەيمەنكى، بىز كىمنىڭ شەپقەتچىمىز، كىمنىڭ دۈشمىنىمىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق تونۇشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى باراۋەرلىكى ۋە ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىق بىر قاتار مىللىي سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى تۈزۈم جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى بولمىغان بولسا، بۇلارنىڭ ھېچقايسى بولمىغان بولاتتى.

    بىز ھەر بىر ئۇيغۇر ياخشى ئويلاپ باقايلى، ئەگەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئورناتقان سوتسىيالىستىك تۈزۈم بولمىغان بولسا، مەركەز ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ياردىمى بولمىغان بولسا، بىز ھازىرقىدەك بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەمدۇق؟

    ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مۇناپىقلار، ئۇلار تارىخ ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، مەدەنىيلىككە، تەرەققىياتقا قارشى تۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى ئېغىر دەرىجىدە پاراكەندە قىلدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدا ئىدىيەۋى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جاي ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى قىلچە نەزەرگە ئىلماي، كىشىلەرنىڭ دۆلەتنى تونۇش قارىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى بۇ زېمىندىن چەتكە قاقتى؛ شىنجاڭدا ئەزەلدىن كۆپ خىل دىننىڭ تارقىلىپ كەلگەنلىكىنى قىلچە نەزەرگە ئىلماي، دىن بىلەن مىللەتنى باراۋەر ئورۇندا قويۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئارقىلىق مىللىي ھېسسىياتنى بوغۇپ، مىللىي ئارازلىق، مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلدى.

    ئاۋات، باي، ئىناق، مۇقىم بولغان داغدام يولدا ئالغا ئىلگىرىلەپ مېڭىۋاتقىنىمىزدا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ۋاسىتە تاللىماي ئالدامچىلىق، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە ئاشكارا قارشى تۇرۇپ، تارىخنى ئارقىغا چېكىندۈرۈشكە ئۇرۇندى. ھاياتلىقنى دەپسەندە قىلىدىغان، ئىنسانىيەت ئەخلاقىغا ۋە قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىگە خىرىس قىلىدىغان بۇ مۇناپىقلار دەل ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بۇ مۇناپىقلارنىڭ نەزەرىدە دىن ئۇلارنىڭ ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىدىغان دەستەك، ئۇيغۇرلار ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىشتا پايدىلىنىلىدىغان قورال بولدى، ئاتالمىش ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگىنى ھەقىقىي ‹‹ۋەيلۇن دوزاخ››قا باشلاپ بارىدىغان يول. بۇ داشقاللار ھەتتا سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەنمۇ كارى بولمىغان يەردە، يەنە سېنى ‹‹جەننەت››كە ئېلىپ بارالامدۇ؟ بۇ ئۇلارنىڭ ئۇخلىماي كۆرگەن چۈشى!

    پارتىيە تەربىيەلىگەن ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بولغان بۇ بىر مەيدان ھايات – ماماتلىق ئېلىشىشتا، مەن ھەرگىزمۇ چەتتە قاراپ تۇرىدىغان كىشى، مۇناسىۋەتسىز كىشى بولمايمەن، بەلكى مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى قەتئىي تارمار قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغداپ، سادىق بولۇپ ۋە مەسئۇلىيىتىمنى زىممەمگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە ۋەتەننىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364504841