سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ئون قىسىملىق سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمى يېقىندا قويۇلىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17

    فىلىمدە پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئالاھىدە مۇساپە تولۇق نامايان قىلىندى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى تېلېگراممىسى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ – چوڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، بىر قاتار چوڭ – چوڭ ئىسلاھات لايىھەلىرىنى يولغا قويۇپ، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى. مەركەز ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەش ۋە نامايان قىلىش ئۈچۈن ‹‹ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرايلى›› ناملىق چوڭ تىپتىكى ئون قىسىملىق سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلىشقا تەشكىللىگەنىدى. بۇ فىلىم 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا قويۇلىدۇ ھەم باشقا تاراتقۇ سۇپىلىرىدا ماس قەدەمدە قويۇلىدۇ.

    بۇ فىلىمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىگە باشلامچىلىق قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرگەنلىكى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

    بۇ فىلىمدە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جەريانى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك، نوپۇزلۇق ھالدا رەتلىنىپ ھەم يەكۈنلىنىپ، ھەم بىر قەدەر كۈچلۈك ئىدىيەۋىلىك ۋە نەزەرىيە چوڭقۇرلۇقى نامايان قىلىنغان، ھەم ئامما ئارىسىدىكى ئىسلاھاتقا ئالاقىدار تەسىرلىك ھېكايىلەر بايان قىلىنغان. بۇ فىلىم ‹‹دەۋرنىڭ سوئالى››، ‹‹ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش››، ‹‹خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ يېڭى مەنزىلى››، ‹‹ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ياقلاش››، ‹‹جۇڭخۇانىڭ مەدەنىيەت تومۇرىنى ئۇزارتىش››، ‹‹سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى ساقلاش››، ‹‹ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولى (1 –، 2 – قىسىم)››، ‹‹پارتىيەنىڭ ئۆز – ئۆزىنى يېڭىلىشى››، ‹‹خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى›› قاتارلىق ئون قىسىمغا بۆلۈنىدۇ.

    پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا بۇ سىياسىي مۇھاكىمە مەخسۇس فىلىمىنىڭ قويۇلۇشى پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ قەتئىيلىكى ۋە جانلىقلىقىنى ساقلاپ، ئىدىيەدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364504781