سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى پەللىنى كۆزلەۋاتقان شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17

    7- ئاي كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى بۆلەكچە ئىسسىپ كەتتى، بىراق بۇ ئىسسىق مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان چېلىشچىلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرالمىدى. ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىدىن بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان چېلىشچىلار بۇ يىل 5- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈشنى باشلىۋەتكەنىدى. ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ مەشىقىنىڭ سىجىللىقىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ باردى. مۇسابىقىگە تەييارلىق كۆرۈۋاتقان چېلىشچى يىگىتلەر 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن بۇيان كۈنىگە سەككىز سائەتكە يېقىن مەشىق قىلىۋاتاتتى.

    7- ئاينىڭ 7- كۈنى ھاۋا ئەتىگەندىلا ئىسسىپ كەتتى. مەشىق زالىدا كىشىنى روھلاندۇرىدىغان مۇزىكا ياڭراپ تۇراتتى، ئېغىر مەشىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان چېلىشچى يىگىتلەر بەزىدە مۇزىكىغا ماسلىشىپ ئۈنلۈك ۋارقىراپمۇ قوياتتى، ئىسسىقتا يېرىم يالىڭاچلانغان چېلىشچى يىگىتلەرنىڭ بەدىنىدىن توختىماي تەر قۇيۇلاتتى، لېكىن كىشىنى بىئارام قىلىدىغان بۇ ئىسسىق ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرالمىدى. ئىشتانكا كۆتۈرۈش، تورنىك ئويناش، قورساق قاتلاش، يەر بېغىرلاش، ئارقانغا يامىشىش... مەشىق ئۆز تەرتىپىدە داۋاملىشىۋەردى.

    شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئالىم كېرەم بىلەن تىرېنېر ئېربول جانابىل چېلىشچى يىگىتلەرنىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. ئىلگىرى چېلىشچى بولغان بۇ ئىككى تىرېنېر مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدەك بۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەرگە تەييارلىق كۆرگەندە، قاراتمىلىقى كۈچلۈك مەشىق پىلانى تۈزۈش ۋە تۈزگەن پىلاننى قەتئىي ئىجرا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوبدان بىلگەچكە، چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى تەكلىپ قىلغان كورېيەلىك ئىككى تىرېنېر بىلەن بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا مۇكەممەل مەشىق پىلانى تۈزگەنىدى ۋە چېلىشچى يىگىتلەرنى مۇشۇ پىلان بويىچە مەشىقلەندۈرۈۋاتاتتى.

    - شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مېدال ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كوماندىلارنىڭ بىرى، شۇڭا زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت بىر قەدەر ئېغىر، - دېدى باش تىرېنېر ئالىم كېرەم، − كوماندىمىزدىكى يەتتە چېلىشچى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بىزدىن تۆت تەنھەرىكەتچى قاتناشقانىدى.

    شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىدىكى ھازىر بار بولغان ماھىرلارنىڭ كۆپىنچىسى 2010- يىلى 8- ئايدا كوماندا قايتىدىن تەشكىللەنگەندە قوبۇل قىلىنغانىدى، ئالىم كېرەم بىلەن ئېربول جانابىلمۇ شۇ چاغدىن باشلاپ بۇ كوماندىنىڭ تىرېنېرى بولدى. يەتتە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ ياش كوماندا ھازىر ئېلىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمۇ كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئابدۇسەمى ھېكىم، ھەسەن ئەيسا، شاتلىق يۇنۇس، ئالىمجان ئابدۇرېشىت، ۋەلىخان سېرىك، تورباتۇ، جاگار نۇرلانقان يەتتە يىل مابەينىدە خېلى كۆپ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، تەجرىبە توپلىدى.

    - 2013- يىلى 9- ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان چاغدا مەن 20 ياشتا ئىدىم، - دېدى ئابدۇسەمى ھېكىم، - ئەپسۇس، شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 5- لىككە ئېرىشتىم، لېكىن تۆت يىلدىن بۇيان كۆپ مۇسابىقىلەرگە قاتناشتىم، بۇ قېتىم سەۋىيەمنى چوقۇم ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

    2010- يىلى كوماندىغا كىرگەن ئابدۇسەمى ھېكىم كوماندىدىكى كونا ماھىرلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، 2013- يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىدىكى باشقا بەش چېلىشچى بىلەن بىللە دۆلەت قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىغا تاللاندى ۋە دۆلەت كوماندىسىدا 2016- يىلى 6- ئايغىچە تۇردى. ئابدۇسەمى ھېكىم ۋە باشقا چېلىشچىلار بۇ بىر قانچە يىلدا تېخىمۇ كەڭ سەھنىگە ئېرىشىپ، كۆپ چېنىقتى ۋە كۆپ تەجرىبە توپلىدى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسى تېز يۈكسەلدى.

    - مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، - دېدى ئېربول جانابىل، - بۇ نەتىجىلەر ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چېلىشچىلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىشەنچمىز كامىل.

    ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك تەنھەرىكەت تۈرى بولغان قەدىمچە چېلىشىش تۈرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. چېلىشىش، جۇدو چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى 2010- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېلىشىش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ياش، قابىل تىرېنېرلارنى سەپلەش بىلەن بىللە، كورېيەدىن ئىككى تىرېنېرنى تەكلىپ قىلدى ۋە قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە، چەت ئەل كوماندىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ھەمراھلىق ئالاقىسىنى كۈچەيتتى.

    - خېنەن كوماندىسى بىز بىلەن ھەممىدىن ئاۋۋال ھەمكارلاشقان كوماندا، كوماندىمىزنىڭ تېز ئىلگىرىلىشىنى خېنەن، بېيجىڭ، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ ۋە ئازادلىق ئارمىيە كوماندىلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، - دېدى ئالىم كېرەم، - كوماندىمىز يەتتە يىلدىن بۇيان بۇ كوماندىلار بىلەن كۆپ قېتىم تەكلىپ مۇسابىقىسى ئوينىدى، بىرلىكتە مەشىق قىلدى، بۇ كوماندىمىزغا كۆپلەپ تەجرىبە ئۆگىنىدىغان، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلايدىغان، ئەمەلىي جەڭ ئارقىلىق چېنىقىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

    ئالىم كېرەمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان يەتتە چېلىشچى تىرېنېرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە 5- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 6- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە نۇقتىلىق كۈچ مەشىقى قىلغان، 6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ تېخنىكا مەشىقى ۋە ئەمەلىي جەڭ ماھارىتى مەشىقىنى كۈچەيتكەن، ئۇلار 7- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ چىدامچانلىق مەشىقىنى باشلايدىكەن، بۇنداق قاراتمىلىققا ئىگە، سىجىللىقى يۇقىرى مەشىق 8- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

    مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېلىشىش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 9- ئاينىڭ 4- كۈنى باشلىنىدۇ. 2015- يىلىدىن بۇيان ئېلىمىز بويىچە كوللېكتىپ ئالدىنقى ئۈچ كوماندىنىڭ ئىچىدىكى سەۋىيەنى ساقلاپ كەلگەن شىنجاڭ قەدىمچە چېلىشىش كوماندىسىدىكى تىرېنېر ۋە چېلىشچى يىگىتلەر بۇ مۇسابىقىدە يېڭى بىر پەللىگە ئۆرلەش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچىمەكتە.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364504751