سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17

    6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىردەك 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

    شاڭخەي شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ياڭ جېڭ مۇنداق دېدى: 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز شاڭخەي ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «بەشتە چىڭ تۇرۇش»نى باشتىن- ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئالتىگە قەتئىي تەۋرەنمەي مەركەزلەشتۈرۈش»نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشىدا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. بىرىنچىدىن، چىڭ تۇتىمىز. ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چۈشىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىپ، تونۇشنى ئۆستۈرىمىز. ئىككىنچىدىن، پۇختا تۇتىمىز. نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋاقىت جەدۋىلىنى ياخشى توغرىلاپ، يول خەرىتىسىنى ياخشى سىزىپ چىقىمىز. ئۈچىنچىدىن، دەل جايىدا تۇتىمىز. ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇپ، كۈچنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىمىز. تۆتىنچىدىن، ئەمەلىي تۇتىمىز. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز.

    جېجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ تۇڭلىن مۇنداق دېدى: بىز 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئائىلىدىن كېچىپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، بارلىق كۈچ بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش»تىن ئىبارەت يۈكسەك بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، «جېجياڭلىقلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى»نى تەقدىم قىلىپ، ئالدىنقى ۋە ئارقا سەپتىكى بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 1- شىسى ئارال شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا داۋاملىق يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

    جياڭسۇ ئۆلكىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گۇەن يۇڭجيەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىن 20 يىلدىن بۇيان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشنى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساسنى پۇختىلاش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، يېڭى تارىخىي دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە يېڭى ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلدى. بىز يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ دەل، پۇختا، ئۈنۈملۈك بولغان بىر قاتار خىزمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويىمىز: بىرىنچى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان تۈرلەرنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، ئەلرايى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىمىز؛ ئىككىنچى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە كۈچ قوشۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىمىز؛ ئۈچىنچى، ئىختىساسلىقلار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلايمىز؛ تۆتىنچى، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ كەلگۈسىگە ئاساس سالىمىز؛ بەشىنچى، ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

    خېبېي ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى جېنگو مۇنداق دېدى: بۇ يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى بىزگە بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى ھەسسىلەپ ھېس قىلدۇردى. بىز يىغىن روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. بىرىنچى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ، نامراتلارنى يۆلەشكە دەل جايىدا كۈچەيمىز؛ ئىككىنچى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە پۈتكۈل جەنۇبىي شىنجاڭنى تېخىمۇ يېتەرلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيمىز؛ ئۈچىنچى، ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مائارىپ بويىچە «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىكنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز؛ تۆتىنچى، كادىرلارنى باھالاپ رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىمىز؛ بەشىنچى، ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارقا سەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ ئالتىنچى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشى ۋە ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز؛ يەتتىنچى، كۈچنى قەتئىي تەۋرەنمەي خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

    جىلىن ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سۈن لىجۈن مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جىلىننىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، «ئالدى بىلەن خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش» پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى ئارقىلىق مۇھىم بايلىقلارنى تەشكىللەپ، كەسىپ سىستېمىسى ئارقىلىق كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى يۆلەپ، بىرلىشىپ ئاقىللار ئامبىرى ئىتتىپاقى، مەبلەغ سېلىش ئىتتىپاقى ۋە كەسىپلەر ئىتتىپاقى تەشكىللەپ، چېگرا رايون قۇرۇلۇش كەسپى فوندى تەسىس قىلىپ، «داڭلىق قار- مۇز شەھىرى، يىپەك يولى قاتناش بېكىتى، مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى»دىن ئىبارەت داڭلىق ئالتاي ماركىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز. ئۇل ئەسلىھە، ساياھەت مۇلازىمىتى، پەن- تېخنىكىنى توپلاش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە دەرىجىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەيۋەتلىك ئالتاي تاغلىرىدا جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش گۈزەل كارتىنىسىنى سىزىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

    خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى بىڭ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى «ئالتىگە قەتئىي تەۋرەنمەي مەركەزلەشتۈرۈش» كە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە يېڭى شەكىل يارىتىمىز، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە سىجىل كۈچ چىقىرىمىز، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە يېڭى سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە يېڭى ھەمكارلىق يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، بىرىنچى كەسىپنى يېتەكلەپ، ئىككىنچى كەسىپنى يۆلەپ، ساياھەتچىلىكنى ئاساسلىق يېتەكچى كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

    يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى يەنە ۋاقتىدا يىغىن ئېچىپ، 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى.

    6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان كۈنى تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى كېچىلەپ يىغىن ئېچىپ، يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى. تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى يۈفۇ مۇنداق دېدى: بىز كۆك نامرات رايونلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى، ئۇل ئەسلىھە ھەم ئاساسىي داۋالىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىمىز. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپ، داۋالاش، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق جەھەتلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى، ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى كەمتۈكلۈكىنى تېزدىن تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىمىز. نامرات نوپۇسلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىمىز. كېيىنكى قەدەمدە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرا، نىيە، كېرىيە ناھىيەلىرىنىڭ سانائەت رايونى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى يۆلەش مەبلىغىنى ياخشى ئىشلىتىپ، خوتەننىڭ ئەۋزەللىكى بار ئالاھىدە كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەل جايىدا سودىگەر جەلپ قىلىپ، يەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلىيەلەيدىغان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، بارلىق ئاماللار بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز.

    6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس- بەستە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    بېيجىڭ شەھىرى خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى پىلان- تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىسلاھات- تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ خاۋ مۇنداق دېدى: يۆلەش جەھەتتە بىز ياردەمنى قوبۇل قىلىۋاتقان جاينىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا ئىشىنىپ، ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ پائال تەشەببۇسكارلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكى تۈرتكىلىك كۈچىنى ئۆستۈرىمىز. مەبلەغدىن پايدىلىنىش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ پىشاڭلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى مەبلەغنى نامراتلارنى يۆلەشكە ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرىمىز.

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئەنخۇيلۇق كادىر جاڭ بو مۇنداق دېدى: تەشۋىقات، مەدەنىيەت سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان، شىنجاڭغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن ئادەتتىكى كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ھەم تەشۋىقات خىزمىتى جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بولۇپمۇ «ئالتىگە قەتئىي تەۋرەنمەي مەركەزلەشتۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزۈم ياردەم بېرىۋاتقان گۇما ناھىيەسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشىگە ياردەم بېرىشنى تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نى تەشۋىقات باش تېمىسى قىلىپ، ئەنخۇينىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئەلرايىنى مۇجەسسەملەپ، ياردەم بېرىۋاتقان جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىمەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364504731