سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەيلى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17

    شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش توغرىسىدا

    20 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، 19 ئۆلكە، شەھەر، مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 20 مىڭغا يېقىن كادىر، ئىختىساسلىقلار ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كېلىپ، ياردەمگە ئېرىشىدىغان جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەسىلىلىرىنى تىرىشىپ ھەل قىلدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ھەممىگە ئايان، ھەر مىللەت ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى تولۇق ھېس قىلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.

    ھازىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر سىستېمىلىق يەكۈنلەندى، شۇنداقلا شىنجاڭ خىزمىتى، بولۇپمۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئاساسىي تەپەككۇر ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئىلمىي يېتەكچى ۋە مۇھىم قوللانما قىلىندى. بىز چوقۇم بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، دىققىتىمىزنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

    يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىگە يول ئېچىش. 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلغان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. كەلگۈسى بەش يىل شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سالىدىغان ھالقىلىق مەزگىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ھەل قىلغۇچ باسقۇچ. بىز شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا تاقىلىدىغان تۈپ، ئاساسىي، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە دەل جايىدا كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، ياخشى ئىشلارنى قەتئىي ياخشى بېجىرىپ، قىيىن ئىشلارنى مۇۋاپىق بېجىرىپ، چوڭ ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىسەكلا شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا پۇختا ئاساس سالالايمىز.

    ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ باشلامچىسى. يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئالدى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كېلىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق- مۇقىم قىلىش ۋە ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ «بەشتە چوقۇم چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك، بۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛ «ئالتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش» مۇھىم ۋەزىپىسىنى باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، «ئالتىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك» خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ، كېيىنكى باسقۇچتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شۇنداقلا قىيىن ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش نۇقتىسى.

    ئورۇنلاشتۇرۇش بىر ئۈلۈش بولسا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توققۇز ئۈلۈش بولىدۇ. جايلار، تارماقلار شىنجاڭ خىزمىتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرگە ئاساسەن، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قاتتىق، ھەقىقىي ئىشلىشى كېرەك. ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشتى»نى ياخشى ئېتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ مەيدان قاتتىق جەڭ»، «بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى»نى قەتئىي ياخشى قىلىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، دىققەتنى دەل جايىدا كۈچەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسىنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىش؛ شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك.

    تارىخىي مۇھىم مەسئۇلىيەت ۋە دەۋر چاقىرىقى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىش روھى، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى چوقۇم قىلىش ئىرادىسى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان جاسارەت بىلەن، ئىناق- ئىتتىپاق، باي- قۇدرەتلىك، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى!

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364504721