سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايون مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 8–تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17

    شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى، لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى بويىچە خۇلاسىلەش، تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە مەملىكەت بويىچە 6 – قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى››نى ئوقۇدى. يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخس ۋەكىللىرىگە تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى.

    شۆھرەت زاكىر سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇنى قوللىغان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىغا چىن كۆڭلىدىن تەشەككۈر ئېيتتى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: قەشقەردە ئېچىلغان 6 – قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويغاندا ئاچقان يەنە بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن، بۇ يىغىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق كادىرلار، ئامما، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئىدىيەنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۈچ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، دىققەتنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەندىزىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا، ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش، ئارىلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشكە، قاتتىق زەربە بېرىش كۈرىشى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئەقلىي جەھەتتىن ياردەم بېرىپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مول نەتىجىلەرنى يارىتىپ، كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىكى 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنى يۇرتۇم، ئاممىنى تۇغقىنىم، دەپ بىلىپ، ‹‹ئائىلىسىنى قايرىپ قويۇپ، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قوشۇش، يېڭىلىق يارىتىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش››تەك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش روھىنى ئاڭلىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، قۇربان بېرىش، بېغىشلاش، تەقدىم قىلىش روھى ئارقىلىق دۆلەتكە بولغان مۇھەببىتىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈرەك قېنىنى، ئەقىل – پاراسىتىنى تەقدىم قىلدى، گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن قان بىلەن گۆشتەك قويۇق دوستلۇق ئورناتتى.

    شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىكى 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭدىكى خىزمىتىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، پات ئارىدا شىنجاڭدىن ئايرىلىپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. كۆپچىلىكنىڭ مەيلى قەيەردە، قايسى ئىش ئورنىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن مەزگىلدىكى دوستلۇق مېھرىنى ئۇنتۇپ قالماي، شىنجاڭنى دائىم ئەسلەپ، شىنجاڭغا دائىم كېلىپ، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەرگە ئورتاق شاھىت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ خەلقى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا سىڭدۈرگەن ئەجرى، قوشقان تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان ھەقىقىي دوستلۇقىڭلار، مېھىر – مۇھەببىتىڭلارنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ.

    تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە مۇنەۋۋەر شەخس ۋەكىللىرى، ياردەمگە ئېرىشكەن ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

    ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، جاڭ چۈنلىن، ليۇ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

    مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىكى 8 – تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار، ئاپتونوم رايونلۇق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ۋە بىڭتۈەن پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمى، ياردەمگە ئېرىشكەن ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈملىرىنىڭ باشلىقلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364504701