سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي گۇرۇپپىسى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 20 يىل بولغان مۇھىم پەيتتە ئاچقان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىنى. يىغىننىڭ ئېچىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىشىنىدىغانلىقى، ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، شىنجاڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

    نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگاندىكى تارماقلار، كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، 6- قېتىملىق مەملىكەت بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە دەپ قاراپ، ھەقىقىي چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇشى كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خىزمىتى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

    نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئورنىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، خىزمەتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تاللاپ، يەرلىكنىڭ نىزام چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قاراتمىلىق ھالدا كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى قانۇن بويىچە قوللاپ، كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ يۇڭمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىدىن ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364504691