سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پىچان ناھىيەسىنىڭ ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش تەدبىرلىرى ئۆزگىچە بولدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17

    پىچان ناھىيەسى ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلاش، تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقتىن، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىكى باشقىچە جانلىنىپ كەتتى.

    پىچان ناھىيەسى ئىلگىرىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، يىل بېشىدا ئۈرۈمچىدە ‹‹پىچان ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى›› ئېچىپ، پىچان ساياھەتچىلىكىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلدى. سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرىگاھ قۇمتاغ سەيلىگاھىنىڭ دەرىجىسىنى 5A دەرىجىلىك مەنزىرىگاھقا ئۆزگەرتىش ۋە 3A دەرىجىلىك تۇيۇق مەنزىرە رايونىنى ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا 4A دەرىجىلىك ساياھەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ساياھەت رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ياخشىلىدى. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، ‹‹ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسىلىدە ساياھەت قىلىش››نى ‹‹تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەت قىلىش››قا؛ ‹‹بىر كۈنلۈك ساياھەت قىلىش››نى ‹‹نەچچە كۈنلۈك ساياھەت قىلىش››قا؛ ‹‹ئېكسكۇرسىيە ساياھىتى››نى ‹‹مەدەنىيەت ساياھىتى›› گە؛ مەنزىرە نۇقتىسى ساياھەتچىلىكىنى پۈتۈن دائىرىلىك ساياھەتكە ئۆزگەرتتى. ئۆرۈك چېچىكى سەيلىسى، ئۈجمە سەيلىسى، تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ پائالىيەتلەرنى تۇتقا قىلىپ، ھەر ئايدا بىر ئاساسىي تېما بولۇش، ھەپتىدە بىر پائالىيەت بولۇش، كۈندە بىر ئۆمەكنى كۈتۈۋېلىش نىشانىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى. يان تېلېفوندا بېلەت سېتىۋېلىش، ئىشىك بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ساياھەتچىلەرنى پىچانغا كۆپلەپ جەلپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ساياھەت رايونلىرىدا ھېيت – بايرام، ‹‹قوش دەم ئېلىش›› كۈنلىرى ئويۇن قويۇش، ئەل ئىچى ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش، دارۋازلىق، چېلىشىش، قوچقار، خوراز سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق قىزىقارلىق مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئىشىك بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. نەتىجىدە بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان پىچانغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا پىچان ناھىيەسى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 315 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە، ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمال قىممىتى 758 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن %42.02 ۋە %49.3 ئاشقان.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364504561