سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››لەر يېتىشتۈرۈلۈپ، ‹‹ئىختىساسلىقلار ئامبىرى›› كېڭەيتىلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17

     كورلا شەھىرىنىڭ لەڭگەر يېزىسى جەپەر كەنتىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزىدە 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنى كەچ بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغانىدى، 100 نەچچە پاختىكار ۋە كەنت كادىرى دېھقان – چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسقا قاتنىشىۋاتاتتى، دەرسنى كورلا شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە جەپەر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن شۈلەن سۆزلەۋاتاتتى.

    - كېۋەزگە ئوغۇتنىمۇ كۆپ بەردىم، كېۋەز تۈپى شۇنداق ئاينىدى، بىراق نېمىشقا ھوسۇلى ئاشمايدۇ؟ - دەپ سورىدى دەرس ئاڭلاۋاتقان لى دېخې ئورنىدىن تۇرۇپ.

    چېن شۈلەن ئۇنىڭدىن كېۋەز پەرۋىشىدە قانداق ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنى تەپسىلىي سورىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: كېۋەز تۈپىنىڭ ئېگىز بولۇشى ھوسۇلىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. كېۋەزلىكىڭىزنىڭ باش سۈيىنى بالدۇر قويۇۋېتىپسىز، كېۋەز تۈپىنى ۋاقتىدا كونترول قىلماپسىز، شۇڭا كېۋەز بويىغا زورلاپ، غوزا تۇتماي، ھوسۇلى ئازىيىپ كېتىپتۇ. ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرسىڭىزلا، كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئالالايسىز.

    كورلا شەھىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، پارتىيەلىك بېيىش باشلامچىلىرى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىش، قىيىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە كۆپ قېتىم تەشكىللىدى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ساپاسى، كەنتتىكىلەرنى ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ھازىرغىچە، كورلا شەھىرىدە يېزا ئىختىساسلىقلىرى ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەنلەر 320گە يەتتى.

    كورلا شەھىرى شەھەرنىڭ تەربىيەلەش بايلىقىنى يۇغۇرۇپ، شەھەر، يېزا، كەنتلەردە يېزا ئىختىساسلىقلىرى تورى قۇردى، دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال ۋاقىتلىرىدا ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››لەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ، شەھەر – يېزىدىكى تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئۆمىكى ئۇيۇشتۇرغان تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق خاس يېزا ئىگىلىك كەسپى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەشكە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەشتىكى ‹‹سۆز ھوقۇقى››نى كۈچەيتتى.

    ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››لەرنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ‹‹ئالاھىدە ئەسكەر››لەر بارلىققا كەلتۈرۈلدى

    ‹‹پەردە تىكىش ئاساندەك كۆرۈنىدۇ، شۇنداقتىمۇ سىپتا تىكمىگەندە كۆرۈمسىز چىقىپ قالىدۇ...››. 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كورلا شەھىرىنىڭ تۇۋۇرچى يېزىسى ئەللىكەتمەن كەنتىدىكى ‹‹گۈلنىسا›› گىلەمچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئەللىكەتمەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى گۈلنىسا شاھىدىن 12 ئايالنىڭ تىككۈچىلىكنى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى.

    كەنتتىكى بەزى ئاياللار ئىلگىرى ئۆيىدە بالىلىرىغا قاراپ، ئۆي ئىشلىرى ھەم ھويلا – ئارانلىرىدىكى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى كۆپرەك قىلاتتى. گۈلنىسا شاھىدىن مۇنداق دېدى: ئاياللارنى تېخنىكا ئۆگىنىپ پۇل تېپىشقا تەشكىللىگەندە، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگىلى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. گۈلنىسا شاھىدىن بۇلتۇر 2 – ئايدا بەش دېھقان بىلەن بىرلىشىپ، 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرغانىدى.

    كوپىراتىپتا قىلغان ئىشقا قاراپ ھەق بېرىلىدۇ، ئاچا – سىڭىللار ئايدا 400 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە ئىش ھەققى ئالالايدۇ. جەمىلە مەمەت مۇنداق دېدى: كوپىراتىپقا يېڭى كەلگىنىمدە ئايدا 400 يۈەن ئىش ھەققى ئالاتتىم؛ ھازىر تېخنىكام ئۆسكەچكە، 1500 يۈەن ئىش ھەققى ئالالايدىغان بولدۇم.

    كورلا شەھىرى تېخنىكا بىلىدىغان كەنت كادىرلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىغا ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››لەر زاپاس بايلىقى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ، قەرز پۇل تەستىقلاش، تۈر ئىلتىماس قىلىش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىشتە سىياسەت جەھەتتىن مايىللىشىپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ‹‹ئالاھىدە ئەسكەر››لىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

    كورلا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 2016 – يىلى 500 مىڭ يۈەن ‹‹ئاياللارنىڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى كېڭەيتىش بازىسى›› تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ‹‹گۈلنىسا›› گىلەمچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق ئۈچ كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ياردەم بەردى. بۇ ئۈچ كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلىدى، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتتى، 204 نامرات ئايالنى تەربىيەلىدى، بۇلارنىڭ 60ى ئىشقا ئورۇنلاشتى.

    ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››لەرنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹بېيىش كۆۋرۈكى›› سېلىندى

    كورلا نەشپۈتى كورلا شەھىرىنىڭ ئېكسپورتتىن تاشقى پېرېۋوت يارىتىش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىشتىكى تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى. تۇراجان مويدىن 18 – ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئەلا سۈپەتلىك كورلا نەشپۈتى ئۈلگە بازىسىدا نەشپۈتچى دېھقانلارغا نەشپۈت دەرەخلىرىنىڭ يازلىق پەرۋىشىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى سۆزلەپ بەردى.

    - ھازىردىن باشلاپ كېلەر ئاينىڭ بېشىغىچە نەشپۈت دەرەخلىرىنى بىردىن ئىككى قېتىمغىچە چاتاپ، ھارام شاخ، زىچ ئۆسكەن شاخلار ۋە ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىغان شاخلارنى ئېلىۋېتىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا شاخلارنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى خورىتىشىنى ئازايتىپ، شامال ئۆتۈشۈش ۋە كۈن نۇرى چۈشۈش شارائىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ، مېۋىسىمۇ بەك چىرايلىق چۈشىدۇ...

    تۇراجان مويدىن كورلا شەھىرىنىڭ شاڭخۇ بازىرى شاڭخۇ كەنتىدە ئەڭ بۇرۇن نەشپۈت ئۆستۈرگەن دېھقان، ئۇ قۇرغان نەشپۈت ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ 28 ئەزاسى بار، يىلدا 3000 توننىدەك (قىممىتى 8 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ) نەشپۈت ساتىدۇ. تۇراجان مويدىن مۇنداق دېدى: ئىگىلىكىم ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن تېخنىكلارنىڭ ياردىمىدە ھازىرقىدەك زورايدى.

    تۇراجان مويدىن بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئەتراپتىكى نەشپۈتچى دېھقانلارنى يىغىپ، ئۆز بېغىدا يەتتە قېتىم نەق مەيدان يىغىنى ئاچتى. كەنتتىكى سەيپىدىن ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: تۇراجان قاراتمىلىققا ئىگە، ئەسقاتىدىغان تېخنىكىلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ تىجارەتكە ماھىر بولۇپلا قالماي، يېنىمىزدىكى ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››، بۇلتۇر بېغىمدا قاسراقلىق قۇرت پەيدا بولغاندا، تۇراجان قاسراقلىق قۇرتنى يوقىتىپ بەردى.

    كورلا شەھىرى ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››لەرنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ئېتىزدا دەرس ئۆتۈش››، ‹‹ئۈلگىلىك دەرس›› ۋە ‹‹نەق مەيدان يىغىنى›› قاتارلىق شەكىللەردىن تولۇق پايدىلاندى، ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››لەر كەنتتىكىلەرگە پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ تېرىقچىلىق قىلىشنى تونۇشتۇرۇپ، تېخنىكا ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتتى.

    كورلا شەھىرىدە ھازىر ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس›› لەر ئاممىنى يېتەكلەپ بەرپا قىلغان ئەلا سۈپەتلىك كورلا نەشپۈتى ئۈلگە بازىسى ئونغا، مېۋە بازىسى ئۈلگە نۇقتىسى ئالتىگە، كالا، قوي بورداقچىلىق بازىسى 20گە يەتتى.

    كورلا شەھەرلىك نامراتلارنى يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ فۇلىن مۇنداق دېدى: ‹‹يەرلىك مۇتەخەسسىس››لەرنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلەپ، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى كۈچەپ بىرلەشتۈرىمىز.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364504521