سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جىنەن-چىڭداۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ چىڭياڭ تونىلى تۇتاشتۇرۇلدى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17

16-ئىيۇل، چىڭياڭ تونىلى تۇتاشتۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

 شىنخۇا تورى خەۋىرى: 16-ئىيۇل جۇڭگو تۆمۈريول تونىلى قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ جىنەن-چىڭداۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى چىڭياڭ تونىلىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تۇتاشتۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى چىڭياڭ تونىلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئۆتكۈزۈلدى.

 چىڭياڭ تونىلى جىنەن شەھىرى بىلەن بىنجۇ شەھىرى جۇپىن ناھىيەسى چېگرىلىشىدىغان جايغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10.1 كىلومېتىر كېلىدۇ. بۇ تونىلنى جىنەن-چىڭداۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ تىزگىنلىمە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى، دېيىشكە بولىدۇ. جىنەن-چىڭداۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى تەييۈەن-چىڭداۋ يولۇچى توشۇش لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇپ، غەربتە جىنەن تۈگۈنى بىلەن، شەرقتە چىڭداۋ تۈگۈنى بىلەن تۇتىشىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، 2018-يىلى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، جىنەندىن چىڭداۋغا پەقەت 1 سائەتتىلا يېتىپ بېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364496221