سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بۇ يىل شياڭگاڭدىن 2568 ئادەم ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تىزىملاتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-14

    شىنخۇا تورى، شياڭگاڭ، 13-ئىيۇل تېلېگراممىسى: جۇڭگو مائارىپى چەت ئەلدە ئوقۇپ بىلىم ئالماشتۇرۇش (شياڭگاڭ) مەركىزىنىڭ 13-ئىيۇل ئېلان قىلىشىچە، بۇ يىل ئىمتىھانسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تىزىملاتقان شياڭگاڭلىق ئوقۇغۇچىلار 2568 گە يەتكەن. قوبۇل قىلىش نەتىجىسى 22-ئىيۇلدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇ يىل شياڭگاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆپ تىزىملاتقان ئالىي مەكتەپ جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان كەسىپ تېببىي پەن كەسىپلىرى ئىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تولۇق كۇرستا ئوقۇغان شياڭگاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تەخمىنەن 13 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 8 مىڭ ئوقۇغۇچى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە، ئىككى مىڭ ئارتۇق ئوقۇغۇچى فۇجيەن ئۆلكىسىدە ئىكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364442851