سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

بىرازىلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لۇلاغا توققۇز يېرىم يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-14

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: بىرازىلىيەنىڭ فېدېراتسىيە سودىيەسى سېرگىئو مارو 12-ئىيۇل بىرازىلىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لۇلانىڭ خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىش ۋە پۇل يۇيۇش جىنايىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا 1-سوتتا توققۇز يىل ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

    بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن لۇيىز لۇلا داسىلۋا 2003 - يىلىدىن 2010 - يىلىغىچە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بولغانىدى. ئۇ بىرازىلىيە تارىخىدىكى ئىشچىلىقتىن چىققان تۇنجى زۇڭتۇڭ، بىۋاسىتە سايلام ئارقىلىق ئۇدا زۇڭتۇڭ بولغان ئىككىنچى زۇڭتۇڭ ئىدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364413421