سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ ئىسسىق ئالتە جاينىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-10

    يېقىندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بەس-بەستە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، 9-ئىيۇل مەملىكىتىمىزدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق جايلارنىڭ رەت تەرتىپى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، بۇ رەت تەرتىپتىكى ئەڭ ئىسسىق ئالتە شەھەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا.

    يېقىندا، «ئىران سۇبتروپىك يۇقىرى بېسىمى»نىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى «كاۋاپ» ئەندىزىسىگە كىردى. مۇخبىر خەۋەر يېزىۋاتقان چاغقىچە(9-ئىيۇل سائەت 5:17گىچە) شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە جەمئىي 33 ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقاتتى. مەملىكىتىمىزدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق جايلارنىڭ رەت تەرتىپى تىزىملىكىدە ئەڭ ئىسسىق ئالتە شەھەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «ئوت يۇرتى»، «ئاتەش ماكان» دەپ نام ئالغان تۇرپان℃47لۇق تېمپېراتۇرا بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

    ناۋادا «ئوت يۇرتى» تۇرپاننىڭ ℃47لۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى سىزنى چۆچۈتەلمىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسىغا قاراپ بېقىڭ، چوقۇم چۆچۈپ كېتىسىز. 8-ئىيۇل، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃36 بولۇپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃35.7(28-ئىيۇل)تىنمۇ يۇقىرىلاپ، 1951-يىلى ئىيۇل تۇرپان شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قۇرۇلغان 66 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا رېكورت ياراتتى.

    مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئىيۇلنىڭ ئالدى كەينىدە، «ئىران سۇبتروپىك يۇقىرى بېسىمى» جەنۇبقا قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلايدىكەن، شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قېتىملىق ئاجىز سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئېلىپ كەلگەن يامغۇردىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا مۆلچەرلىنىشىچە 14-ئىيۇل ئەتراپىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

   مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى ئۆتۈپ كەتكەن شەنبە-يەكشەنبە بۇ يىل يازدىكى ئەڭ ئىسسىق ئىككى كۈننى كۈتۈۋالغان، مەيلى شەھەرنىڭ شىمالى ياكى جەنۇبى بولسۇن، تېمپېراتۇرا بىردەك ℃35تىن ئاشقان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىچە، 9-ئىيۇل سائەت 18:00گىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر ئاساسىي رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃39.2 بولغان، ئەڭ ئىسسىق بولغان مىچۈەن--كۆكتاغ رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃43قا چىققان، ئۈرۈمچىدىكى 66 ئاپتوماتىك ھاۋا رايى كۆزىتىش ئىستانسىسىنىڭ 51ىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35تىن ئاشقان، 25 ئىستانسىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40تىن ئاشقان.

 ئۈرۈمچىدە سۇ چېچىش ماشىنىسى كوچىلارغا سۇ چاچماقتا

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، 9-ئىيۇل بۇ قېتىمقى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى «مۇساپىسى»دىكى ئەڭ ئىسسىق بىر كۈن بولغان، مۆلچەرلىنىشىچە، 12-ئىيۇلنىڭ ئالدى-كەينىدە «ئىران سۇبتروپىك يۇقىرى بېسىمى»نىڭ جەنۇبقا قاراپ سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىمۇ تېمپېراتۇرا ئەسلىگە كېلىدىكەن.

   مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى داۋاملىشىدۇ، ئوت خەۋپى كىلىمات دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، شۇڭا، كىشىلەر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشتىن مۇداپىئە كۆرۈشى، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەگىز كەلكۈنى، تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش، لاتقا-شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364324581