سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ھەمكارلىق كۆۋرۈكى سېلىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-10

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 12–قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خو شاۋگۇاڭ، خاۋ ۋېيۋېي

 رەئىس شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 12 – قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى.

 رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيە سەپىرى 100 سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى، ئۇ 30 نەچچە مەيدان ئىككى تەرەپ ۋە كۆپ تەرەپ پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بەخش ئېتىپ، جۇڭگو – ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش، دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

 جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ‹‹مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرى››نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىش

 بۇ شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن گېرمانىيەدە 2 – قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ئىدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ 2014 – يىلى گېرمانىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى بېكىتكەن. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى.

 ئۇ خۇددى ئۆز ئۆيىگە كەلگەندەك بولدى، دوستلۇق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى.

 رەئىس شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى كەچقۇرۇن گېرمانىيەنىڭ تېگېل ئايروپورتىغا قوندى. 26 ھۆرمەت قاراۋۇلى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەتلىك تىزىلدى، 21 ھۆرمەت توپى پەلەككە ياڭرىدى، گېرمانىيەنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

 شپرې دەرياسى بويىغا جايلاشقان زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى رەتلىك تىزىلدى، ھەربىي ئوركېستىر دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. گېرمانىيە زۇڭلىسى ستېئىنمېيېر داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ۋە كاتتا زىياپەت بېرىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ستېئىنمېيېر ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 100 كۈندىن بۇيان كۈتۈۋالغان تۇنجى چەت ئەل باشلىقى بولۇپ قالدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ بېرلىنغا بارغان كۈنى كەچتە، زۇڭلى مېركېل شەخسىي نامىدىن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىگە ھاردۇق چېيى بەردى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى پارىژ مەيدانىدا سەيلە قىلىپ، لېبېرماننىڭ كونا تۇرالغۇسىدا چاي ئىچكەچ مۇڭدىشىپ، مىللەت تارىخى، مەدەنىيىتى ئۈستىدە پىكىرلەشتى، دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق، تەرەققىياتىنى پىلانلىدى. ئەسلىي بىر يېرىم سائەت بېكىتىلگەن پائالىيەت ئۈچ سائەت داۋاملاشتى.

 ئالاھىدە ئىززەت – ئىكرام بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى، ئىززەت ۋە ھۆرمەتنىڭ سالمىقى روشەن بولدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان بىر نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبىرى گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە ئەڭ ئاۋۋال رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەت قىلىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

 رەئىس شى جىنپىڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدىكى ئۈچ كۆرۈنۈش ئۇنتۇلغۇسىز بولدى.

 بىرىنچى كۆرۈنۈش، گېرمانىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى، سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى. رەئىس شى جىنپىڭ قارشى ئېلىشقا كەلگەن ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بالىلارغا غەمخورلۇق قىلغان ھالدا ‹‹بۈگۈن يامغۇر ياغدى، سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن›› دېدى.

 تاراتقۇلار بالىلارنى زىيارەت قىلغاندا بالىلار بەس – بەستە: رەئىس شى جىنپىڭنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇق، ئۇ تولىمۇ دوستانە ئىكەن، ئۇ بىز بىلەن مۇڭداشتى، دېيىشتى.

 ئىككىنچى كۆرۈنۈش، بېرلىن ھايۋانات باغچىسى، قىزىل پانۇسلار ئېگىز ئېسىلغانىدى، يېقىملىق خەلق كۈيلىرى ياڭراپ تۇراتتى. سىياسىي ساھەدىكى، سودا ساھەسىدىكى داڭلىق زاتلار، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى، پۇقرالار، بېرلىننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى 1000دىن ئارتۇق ۋەكىل جۇڭگو – گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا شاھىت بولدى. جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن چوڭ مۈشۈكئېيىق ‹‹مېڭمېڭ›› بىلەن ‹‹جاۋچىڭ›› ناھايىتى ئوماق ئىدى، مەيداندىكىلەر ئۇلارغا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراتتى.

 ئىلگىرى جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان بېرلىن برۇنوبېگىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ توققۇز ئوقۇغۇچىسى ‹‹بېرلىن – بېيجىڭ، 2017›› دېگەن خەت بېسىلغان مايكىنى كىيىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلاتتى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي سۆھبەتلەشتى.

 گېرمانىيە شىمالىي ۋېسكونسېن ئىشتاتى ئېسسېن شەھىرى ‹‹بولې›› ئالىي ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئاۋگۇستې بېرگ ئۆزى ياسىغان مۈشۈكئېيىقنىڭ ئويما رەسىمىنى رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىگە سوۋغا قىلدى. ئۈچ يىل بۇرۇن، پېڭ لىيۈەن ‹‹بولې›› ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان. رەئىس شى جىنپىڭ ئويما رەسىمنى قولىغا ئېلىپ، ‹‹مەن ئۇنى ئۆيۈمگە ئېسىپ قويىمەن›› دېدى.

 ئۈچىنچى كۆرۈنۈش، بېرلىن ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ياپيېشىل چىم مەيدان كۆزنى قاماشتۇراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل جۇڭگو – گېرمانىيە ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسىنى قىزىقىپ كۆردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ كىچىك ماھىرلىرىغا: سىلەر جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا جۇڭگو – گېرمانىيە دوستلۇق، ھەمكارلىقىنىڭ ئىز باسارلىرى، دېدى.

 جۇڭگو – گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ‹‹مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرى›› يېزىلدى. جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، رەئىس شى جىنپىڭ بىر خىل روھ ۋە بىر ئورۇن بېكىتىشنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

 بىر خىل روھ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش.

 گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل يېقىندا گېرمانىيە ‹‹ئىقتىساد ھەپتىلىك ژۇرنىلى››نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسى توغرىسىدا توختىلىپ: ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئەنئەنىسى، دېدى. ئۇ يەنە كۆپ قېتىم ‹‹بىز جۇڭگونى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، ئۇلار غەربلىكلەرگە ئوخشىمايدىغان يولدا ماڭدى›› دېدى.

 زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: گەرچە جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى، تاللىغان يولى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن بىز ئىنتىلىۋاتقان دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بەختلىك قىلىش نىشانىمىز ئوخشاش.

 بىر ئورۇن بېكىتىش جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى ‹‹سەركە›› ۋە ‹‹مۇقىملاشتۇرغۇچ››.

 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، گېرمانىيە زۇڭلى مەھكىمىسىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش رايونىدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار بىر قاتار ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى. ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىدىن رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىشقىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساشتىن 3 – تەرەپ بازىرى ھەمكارلىقىغىچە بولغان نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو – گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ يول ئېچىش، يېڭىلىق يارىتىش ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەنلەشتى.

 رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆز بىلەن مۇھىم مەزمۇننى ئېنىق ئىپادىلەپ بەردى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم باشلامچىلىق رولىنى ئويناپلا قالماي، دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشىدا ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

 دۇنيا ئىقتىسادىنى ئالغا بېسىشنىڭ يېڭى يۆنىلىشىگە يېتەكلەش

 گېرمانىيەنىڭ 2 – چوڭ شەھىرى ھامبۇرگ دەريا – دېڭىز بويىغا، ياۋروپانىڭ قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقان، قەدىمدىن تارتىپ سودا ئاۋات شەھەرلەرنىڭ بىرى.

 رەئىس شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتە بۇ يەرگە كېلىپ، ‹‹20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 12 – قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشى››نى باشلىدى.

 زىيارەتتە بولۇشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ ھامبۇرگ شەھىرىنىڭ باشلىقى سكولىزنىڭ قىزغىنلىق بىلەن يېزىلغان تەكلىپ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغانىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنىڭ بىلەن ھامبۇرگدا كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: بۇ يەر ‹‹دۇنيانىڭ كۆزنىكى››، ‹‹دۇنياغا يۈزلەنگەن دەرۋازا››، بۇ قېتىم 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشى ‹‹ھەمتۈرتكىلىك دۇنيا بەرپا قىلىش››نى باش تېما قىلغان، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ھامبۇرگدا ئۆتكۈزۈلۈشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى.

 دۇنيا ئىقتىسادىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ جانلىنىپ ئېشىشى يەنىلا ئاجىز بولماقتا؛ ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى ئاچالغا كېلىپ قالدى، نەگە بېرىپ، نەدە تۇرۇشنى ئۆزىمىز تاللايمىز. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدە بارلىققا كەلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش توغرىسىدا ئىجابىي سىگنال بېرىش ياكى بېرەلمەسلىكىگە دۇنيا دىققەت بىلەن نەزەر تاشلىماقتا...

 ھامبۇرگ كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ ئاق رەڭلىك ئۆگزىسىدە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرى لەپىلدەيتتى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ مېھمان كۈتۈش رايونىدا يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى. رەئىس شى جىنپىڭ مەيدانغا ئەڭ ئاخىرىدا كىردى، ئىككى رەھبەر قول ئېلىشىپ بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.

 كۆك ئېكراندا ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ گېربى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا باغلانغان بەش خىل رەڭلىك ئارقان تۈگۈنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى.

 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان، جانلىق، ھەمتۈرتكە، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا ‹‹ھەمتۈرتكىلىك دۇنيا بەرپا قىلىش›› باش تېما قىلىندى.

 گېرمانىيە تەرەپ: ‹‹ھەمتۈرتكە بولۇش›› دېگەن سۆز خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىن كەلگەن، دېدى. شەھەر باشلىقى سكولىز: چۈنكى دۇنيا تەرەققىياتىدا ئۆزئارا ھەمكارلىق بولغاندىلا، تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل، دېدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ بىر قانچە سورۇندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىكى ئورتاق تونۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2030 – يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىنى ياخشى ئېچىشىغا مەدەت بېرىپ، ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 گېرمانىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىرقى دۇنيا تىنچسىز مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە جامائەتچىلىككە ئىزچىل مۇقىملىق سىگنالى تارقىتىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ 1 – باسقۇچلۇق يىغىنى باشلاندى. دۇنيادىكى 20 ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ رەھبەرلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھەمكارلىق كۆۋرۈكى سېلىپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى.

 ‹‹كۆۋرۈك شەھىرى›› خاڭجۇدىن ‹‹دۇنيادىكى كۆۋرۈك شەھىرى›› ھامبۇرگقىچە، ئىككى نۆۋەتلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ مەزمۇنىنى يىلتىزداش دېيىشكە بولاتتى.

 ئىدىيەنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق توغرىسىدا جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىنى يەنىمۇ شەرھلىدى:

 ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش؛

 دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن بىرلىكتە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قېزىپ چىقىش؛

 قول تۇتۇشۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ كەڭ قورساق مۇئامىلىدە بولۇش؛

 دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش.

 نۇرغۇن رەھبەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئەركىن سودا ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى قوغداپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى. رېيتېر ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قاتارلىق دۇنيادىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ئارقا – ئارقىدىن خەۋەر بەردى. رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋىلىشىشنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ، بېيجىڭنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

 ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشى رەھبەرلەر سۆھبەت يىغىنى ۋە ھەر قايسى باسقۇچتىكى يىغىنغا قاتناشتى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، كۆچمەنلەر مەسلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىدى.

 تارىخىي شەھەر ھامبۇرگ ئىلگىرى ياۋروپا يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ‹‹شەرقتىن ئۆگىنىپ غەربتە يېڭىلاش››نىڭ تەدرىجىي تەسىرىگە ئۇچرىغان. نەچچە يۈز يىللىق ئۆزگىرىشتىن كېيىن قەدىمىي شەھەر يەنە شەرق شامىلىنى كۈتۈۋالدى. لىق جۇڭگو مېلى قاچىلانغان كونتېينېر، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئارىسىدا قاتناۋاتقان نۆۋەتچى پويىزلار جۇڭگو ‹‹پاراۋۇزى››نىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى تارتىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى؛ ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەشەببۇسلار شەرقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىدىكى دۇنياۋى سېھرىي كۈچكە شاھىت بولماقتا.

 خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىش

 ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رەئىس شى جىنپىڭ گېرمانىيە سەپىرىدە كۆپ تىلغا ئالغان سۆز بولۇپ قالدى.

 رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى مېركېل بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئورتاق پايدا ئېلىشنى نىشان قىلغان، يادرولۇق ئىدىيەسى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش. بۇ تەشەببۇسنى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ يىپەك يولى بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ۋە دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ ھەم شۇنىڭغا تەۋە. زۇڭلى مېركېل جاۋابەن مۇنداق دېدى: گېرمانىيە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش جەريانىدا جەزمەن ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

 رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، ئىدارە قىلىش يېڭى قارىشى، ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى تىرىشىپ يارىتىش 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ.

 رەئىس شى جىنپىڭ چەت ئەل رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

 جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىغا دۇنيا ئىنكاس قايتۇردى، بۇ، جۇڭگودىن كەلگەن دۇنيا ئاساسىي ئېقىمىغا بولغان چوڭقۇر كۆزىتىش ۋە توغرا بىلىشتۇر.

 رەئىس شى جىنپىڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئالدىدا، گېرمانىيەنىڭ ‹‹دۇنيا گېزىتى››دە ‹‹تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا ئۈچۈن›› دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ھازىرقى دۇنياغا بولغان قارىشىنى ئۈچ جۈملە سۆز بىلەن شەرھلىدى:

 ھازىر ئىنسانىيەت جەمئىيىتى چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ئۆزگىرىش، چوڭ تەڭشەش مەزگىلىدە تۇرماقتا؛

 ئىنسانىيەت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئايلاندى؛

 تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغان كەسكىن خىرىس.

 دۇنيا ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، خەلقئارا مۇناسىۋەت چوڭقۇر تەڭشەلدى. جۇڭگو ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش يولىدا ئېغىشماي ماڭماقتا.

 جۇڭگو – گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو – ياۋروپانىڭ تىنچلىقى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىسلاھات، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى زور ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ داۋاملىق جاپا – مۇشەققەتنى تەڭ تارتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ھەمراھلىق روھىنى ساقلىشىنى مۇراجىئەت قىلىش، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمراھلىق روھىنى تەكىتلەش...

 رەئىس شى جىنپىڭ گېرمانىيە سەپىرىدە پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن تارتىپ چوڭ دۆلەتلەرگىچە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن تارتىپ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشقىچە، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش نىشانىنى ئىلگىرى سۈردى.

 سەپەردە ھەمراھ بولۇپ ماڭغاندا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈش كېرەك.

 تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمىدا ئىلگىرىلەش كېرەك، قوشنىسىغا ئورا كولاش، نۆل يىغىندىلىق تاقابىللىقتىن ئىبارەت كونا تەپەككۇر زامانغا لايىق كەلمەيدۇ.

 رەئىس شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: سىز تەرجىمىھالىڭىزدا ‹‹بالدۇر چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىدۇ›› دېگەن سۆزنى تىلغا ئېلىپ، سىياسىيونلار ئېقىمغا ماسلىشىپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئۇلۇغ يۈكنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك، دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىڭىزدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.

 زۇڭتۇڭ مون جائىن جاۋابەن مۇنداق دېدى: كورېيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كورېيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ئەمەلىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

 سەپەردە ھەمراھ بولۇپ ماڭغاندا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.

 ترامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو – ئامېرىكا باشلىقلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. مار ئالاگو قورۇقى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلۈپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن يەنە كۆرۈشتى. جۇڭگو – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا پايدا ئېلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش دېگەن بىر پىرىنسىپنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

 سەپەردە ھەمراھ بولۇپ ماڭغاندا ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش كېرەك.

 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى، 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، يېتەكلەش خاراكتېرىدىكى سۆز ۋە خۇلاسە سۆزى قىلدى.

 قىلچە تەۋرەنمەي ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، قىلچە تەۋرەنمەي كۆپ تەرەپلىمىلىكنى يولغا قويۇش، قىلچە تەۋرەنمەي دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، قىلچە تەۋرەنمەي ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مانا بۇ رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە كۆرسىتىپ بەرگەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش يۆنىلىشى ئىدى.

 سەپەردە ھەمراھ بولۇپ ماڭغاندا خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشتە دۇنيانى ئىدارە قىلىش، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئالاقىدار ‹‹پارىژ كېلىشىمى››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانى ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىنى قوغداشنى تەڭلا تىلغا ئالدى.

 ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا ماي، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

 تۆت يىل ئىلگىرى، شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىققاندا، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇنىڭدىن بۇيان، 28 قېتىم زىيارەتكە چىقىپ، بەش چوڭ قىتئەدە ئىز قالدۇردى، رەئىس شى جىنپىڭ شەخسەن ئۆزى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت يېڭى ئەندىزىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

 ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا رەئىس شى جىنپىڭ يەنە مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى: قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ھەمتۈرتكىلىك ئىقتىسادىي ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق گۈللىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش نىشانى ئۈچۈن توختاۋسىز ئىلگىرىلەيلى!

 جۇڭگو ئاۋازى دۇنياغا تارالدى.

 ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە ھامبۇرگ، 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى)

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364317111