سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-10

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6-ئىيۇل خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ھەرقايسى دۆلەتلىك ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەڭ يېڭى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلدى. قىتئەلەر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن گېرمانىيە كوماندىسى ئىككى يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم رەت تەرتىپتە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.

    قىتئەلەر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بىرقانچە كوماندىنىڭ ئورنىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر بولدى: ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن پورتۇگالىيە كوماندىسى تۆت كوماندىنى ئاتلاپ تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، قىتئەلەر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە 1 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىغا يېڭىلگەن چىلى كوماندىسى ئەسلىدىكى ئورنىدىن ئۈچ دەرىجە كەينىگە چېكىنىپ، يەتتىنچى ئورۇنغا تىزىلدى. ئوخشاشلا يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن مېكسىكا كوماندىسى بىر كوماندىنى ئاتلاپ 16-ئورۇنغا تىزىلدى.

    ئاسىيادىكى كوماندىلارغا قارايدىغان بولساق، ئېلىمىز كوماندىسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەت تەرتىپىدە بەش كوماندا ئاتلاپ 77-ئورۇنغا، ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار ئىچىدە سەككىزىنچى ئورۇنغا تىزىلدى. ئاسىيادىكى كوماندىلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرغىنى ئىران كوماندىسى بولۇپ، ئىران كوماندىسى يەتتە كوماندا ئاتلاپ 23-ئورۇنغا تىزىلدى، ئاۋسترالىيە كوماندىسى 45-ئورۇنغا تىزىلدى، ياپونىيە كوماندىسى بولسا ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى، كورېيە كوماندىسى خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەت تەرتىپىدە 51-ئورۇنغا تىزىلدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364260681