سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنخۇا ئاگېنتلىقى گېرمانىيە پۇتبولچىلىقى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-10

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 6-ئىيۇل شىنخۇا ئاگېنتلىقى ماقالە ئېلان قىلىپ، گېرمانىيەدە ياشلارنى مەشىقلەندۈرۈش سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھالقىلىق ئامىلى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا گېرمانىيە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندە ئېلىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ئۈمىد تۇغۇلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇنداق كۆرسەتتى، گېرمانىيە 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، يېقىندا ئاخىرلاشقان قىتئەلەر لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ۋە ياۋروپا ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ قالتىس نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى، گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ يېقىنقى يىللاردا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىنىڭ سەۋەبى گېرمانىيەنىڭ ياشلارنى مەشىقلەندۈرۈش سېستىمىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەنلىكىدىن بولدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدە يەنە گېرمانىيە پۇتبولچىلىقى ئېلىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى دەپ كۆرسىتىلدى، يەنە ئېلىمىزنىڭ 2016-يىل 25-دېكابىردا گېرمانىيە بىلەن ئوخشىمىغان ئۈچ قاتلام بويىچە پۇتبول ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزگەنلىكى قەيت قىلىندى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364260401