سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېئىنمېيېر بىلەن كۆرۈشتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-06

گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم بېرلىن ھايۋاناتلار باغچىسى مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىللە قاتناشتى ۋە جۇڭگو–گېرمانىيە ياشلار، ئۆسمۈرلەر دوستلۇق مۇسابىقىسىنى بىللە كۆردى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېرلىن، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بېرلىندا گېرمانىيە زۇڭتۇڭى ستېئىنمېيېر بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئوخشاشلىقتا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش روھىغا ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇردى، ئورتاق تونۇش ۋە ئورتاق مەنپەئەت داۋاملىق كېڭەيدى. 2014 – يىلى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىشىپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈچىيىپ، ئالاقە ساھەسى كېڭىيىپ، جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق ئالدىدا مېڭىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ھەر تەرەپلىمىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى دۇنيا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە ھەم چوڭ سودا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆز رايونىدا مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە دۆلەتلەر بولۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى تېخىمۇ روشەنلىشىۋاتىدۇ. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە جىپسىلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو – گېرمانىيە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

 ستېئىنمېيېر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى چىن دىلىدىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ جۇڭگوغا بولغان مۇھەببىتىم كۈچلۈك، مەن گېرمانىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن. ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا، گېرمانىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى، ھەرقايسى ساھەلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن دوستلۇق، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقئارا ئىشلاردا قويۇق ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى. گېرمانىيە 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تىنچلىقنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

 كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، ستېئىنمېيېر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدىكى گۈللۈكتە شى جىنپىڭنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

 شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە كەلگەندە، ستېئىنمېيېر ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئاپتوموبىل توختىتىدىغان جايدا ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىللە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدىكى گۈللۈككە كەلدى. ستېئىنمېيېر شى جىنپىڭغا گېرمانىيە تەرەپنىڭ ئاساسلىق ئەمەلدارلىرىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ ستېئىنمېيېرغا جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرىنى تونۇشتۇردى. ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ ستېئىنمېيېرنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ستېئىنمېيېر ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا قارشى ئېلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن جۇڭگو – گېرمانىيە ئۆسمۈرلىرى ئالدىغا كېلىپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېرلىن، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بېرلىندا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى لايىھەسىنى تۈزۈپ، يېڭى نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى يولىنى پىلانلاپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى بىر ‹‹مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسى›› بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلدى. 2014 – يىلى مەن تۇنجى قېتىم گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتكەنىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو – گېرمانىيە ئىككى تەرەپلىك مېخانىزمى ئىككى دۆلەت ئالاقىسىنىڭ ھەممىلا ساھەسىنى دېگۈدەك قاپلاپ، ئىقتىساد – سودا، تېخنىكا، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ موللاشتى، جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يەنە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق ۋە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق يېڭى پەللىگە چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر دۇنيا ئەندىزىسى چوڭ تەڭشىلىش، چوڭ ئىسلاھ قىلىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، مۇقىمسىز ۋە ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىمى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشتەك مۇقەررەر يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا بولغان ئورتاق ئارزۇسىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش يولىغا مېڭىش. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دۇنيادىكى 2 – ۋە 4 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، شۇنداقلا ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە ئىككى مۇقىملاشتۇرغۇچى كۈچ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشقىمۇ پايدىلىق بولۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىم ۋە ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ئىجابىي ئامىللارنى ئاتا قىلىدۇ. شى جىنپىڭ جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇنداق تۆت نۇقتىلىق تەكلىپ بەردى.

 بىرىنچى، ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ سۆھبىتى مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەرگە تولۇق ئېتىبار بېرىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇش ئاساسىدا سۆھبەتلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش، خەلقئارادا قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

 ئىككىنچى، ئىككى تەرەپ ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمبەھرىلىنىش يولىغا مېڭىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ‹‹جۇڭگو ياسىغان 2025›› بىلەن گېرمانىيەنىڭ ‹‹سانائەت 4.0››نى جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى ئەۋزەللىكىنى ئالاقە تورى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ غايەت زور يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشى كېرەك. ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كونا سانائەت بازىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاش جەھەتتە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پەن – تېخنىكا، ئالەم بوشلۇقى، دېڭىز – ئوكيان، قۇتۇپ، تور، ئاۋىياتسىيە – ئالەم بوشلۇقى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

 ئۈچىنچى، ئىككى تەرەپ بۇ يىل 5 – ئايدا رەسمىي يولغا قويۇلغان جۇڭگو – گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، مائارىپ، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، ياش – ئۆسمۈرلەر، پارتىيەلەر، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كىشىلىرىنىڭ بېرىش – كېلىشى ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلەش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

 تۆتىنچى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو – ياۋروپا قاتلىمى ھەم ب د ت، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەردە ۋاقتىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ھالىتىنى ساقلاپ، رايون مۇقىملىقى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلار تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى ھەرقايسى ئەزالارغا مەنسۇپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن دۇنياغىمۇ مەنسۇپ. بىز ئىقتىسادىي ئېشىشنى دۇنيانىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئېشىش ۋە تەرەققىياتقا ئۆزئارا ياخشى تەسىر كۆرسىتىشىمىز كېرەك. جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدىكى ئورتاق تونۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، 2030 – يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ۋە غەيرىي ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلغانلىقىدىن مىننەتدار. جۇڭگو گېرمانىيەنىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللاپ، ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

 مېركېل مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا ‹‹دۇنيا گېزىتى››دە ئېلان قىلغان ماقالىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسىنى قوللايمەن، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئىككى تەرەپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ھەم تېخىمۇ زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قوللايمەن. گېرمانىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىنى تامامەن قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە ئىقتىساد – سودا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، پۇتبول، ياشلار، دوست شەھەرلەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ھازىرقى مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتتە، ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ب د ت، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، زور خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرى، خەلقئارا تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماسلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. گېرمانىيە ياۋروپا – جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللايدۇ، ياۋروپا – جۇڭگو ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.

 سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئالەم قاتنىشى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، سانائەت ئالاقە تورى، رەقەملەشتۈرۈش، 3 – تەرەپ بازىرى، مۈشۈكئېيىقنى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق شاھىت بولدى.

 ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېرلىن، 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى تېلېگراممىسى. شۇ جاي ۋاقتى 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى كەچتە، ئەمدىلا بېرلىنغا كەلگەن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىبېرمان تۇرالغۇسىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېرلىن شەھىرى مەركىزىدىكى براندېنبۇرگ دەرۋازىسىغا يېقىن جايلاشقان لىبېرمان تۇرالغۇسىغا كەلگەندە، مېركېل ۋە ئۇنىڭ ئېرى سور ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن مېركېل ئەر – ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا لىبېرمان تۇرالغۇسىنى قىسقىغىنە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

 ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەر – خوتۇنلىرى كۇتۇپخانىغا كىردى. قىزغىن ۋە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن مېركېل ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بىز خاڭجۇدا ئۇچراشقاندىن بۇيان، جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتى يەنە كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نۇرغۇن ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. جۇڭگو گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى ئورتاق پايدا ئېلىشنى نىشان قىلغان بولۇپ، يادرولۇق ئىدىيەسى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش. بۇ تەشەببۇسنى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان، لىنىيە بويىدىكى ئەللەرگە ۋە دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ ھەم شۇلارغا مەنسۇپ.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۇنيادىكى ئىككى مۇھىم كۈچ، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. خەلقئارا ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپلەشكەنسېرى، جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى شۇنچە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. جۇڭگو ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، ئېچىۋېتىلىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا تىنچلىق، ئېشىش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشى كېرەك. گېرمانىيەنىڭ جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىدىكى ‹‹سەركە››لىك ۋە ‹‹مۇقىملاشتۇرغۇچ››لۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو – ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسى تارىخىي ئاچا يولدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەر ئىككىلىسى چوڭ سودا دۆلىتى، شۇنداقلا ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇشتىن نەپكە ئېرىشكۈچىلەر، ئۇنى قوللىغۇچىلار ۋە قوغدىغۇچىلار، بىز ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچانلىققا، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىققا ئىگە قىلغان ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر بىر دۆلەتكە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

 مېركېل شى جىنپىڭنىڭ گېرمانىيەگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن خاڭجۇدا ئۇچراشقىنىمىز تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە. بىز ياخشى كەيپىياتتا پاراڭلىشىپ، نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ھازىر گېرمانىيە – جۇڭگو مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. گېرمانىيە جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئويناۋاتقان مۇھىم رولىغا ئېتىبار بىلەن قارايدۇ، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قوللىغانلىقىغا ناھايىتى قايىل، جۇڭگونىڭ گېرمانىيەنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ.

 ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تونۇشتۇردى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېرلىن، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بىرلىكتە بېرلىن ھايۋاناتلار باغچىسى مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

 شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېرلىن ھايۋاناتلار باغچىسىغا بارغاندا، مېركېل ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مېركېل بىلەن بىرلىكتە مۈشۈكئېيىق سارىيىغا باردى. يول بويىغا چوڭ قىزىل پانۇسلار ئېسىلىپ، جۇڭگونىڭ مىللىيچە مۇزىكىسى ياڭراپ تۇراتتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو ئۇسلۇبىدىكى شىپاڭدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ماڭغاچ پاراڭلىشىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخى ئۈستىدە توختالدى.

 ئۇلار مۈشۈكئېيىق سارىيىغا بارغاندىن كېيىن، ئېچىلىش مۇراسىمى باشلاندى، شى جىنپىڭ بىلەن مېركېل ئايرىم – ئايرىم ھالدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن جۇڭگونىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىدىن ئەكەلگەن مۈشۈكئېيىق ‹‹مېڭمېڭ›› بىلەن ‹‹جياۋچىڭ››نىڭ گېرمانىيە جامائەتچىلىكى بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىنتايىن چىرايلىق يېڭى ئۆيى بارلىقىنى كۆرۈپ، بەكمۇ خۇشال بولدۇم. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى ھارپىسىدا، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ مۈشۈكئېيىقنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش ھەمكارلىقىنى قايتىدىن باشلىشى شەك – شۈبھىسىزكى، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقە خەلقنىڭ ئۆزئارا يېقىن بولۇشىدا. ‹‹مېڭمېڭ›› ۋە ‹‹جياۋچىڭ››نىڭ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇق رىشتىسىنىڭ يېڭى ئەلچىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ مۈشۈكئېيىق ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن مۇتەخەسسىس ۋە خىزمەتچىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە خەلقى دوستلۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى مېۋە بېرىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

 مېركېل مۇنداق دېدى: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقە تارىخىدا مۈشۈكئېيىق ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى. گېرمانىيە خەلقى ‹‹مېڭمېڭ›› بىلەن ‹‹جياۋچىڭ››نىڭ كېلىشىنى ئۇزاقتىن بۇيان تەقەززالىق بىلەن كۈتكەنىدى ھەم يېڭىدىن كەلگەن ئىككى مۈشۈكئېيىققا راھەت يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ‹‹مېڭمېڭ›› بىلەن ‹‹جياۋچىڭ››دىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە ئىككى ئەلچىنىڭ كېلىشى گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك شاھىت بولدى. گېرمانىيە بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مېركېل بىلەن بىللە مۈشۈكئېيىق سارىيىنىڭ ئىچكىرى ئۆيىگە كىردى. ساراي ئۆيلىرىنىڭ ئەينەكتىن ياسالغان تاملىرىدىكى پەردىلەرنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، ‹‹مېڭمېڭ›› ۋە ‹‹جياۋچىڭ›› كۆپچىلىك ئالدىدا نامايان بولدى. جۇڭگونىڭ بۇ ئىككى ئوماق دۆلەت گۆھىرىنى كۆرۈشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان پۇقرالار قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. خىزمەتچىلەرنىڭ جاڭ چېلىشى بىلەن، مۈشۈكئېيىق سارىيى تاشقىرىقى ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى، ‹‹مېڭمېڭ›› بىلەن ‹‹جياۋچىڭ›› چەت ئەل تۇرمۇشىدىن خۇشاللىق بىلەن ھۇزۇرلاندى.

 شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن نەق مەيداندىكى بالىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئۇلارغا مۈشۈكئېيىق ئويۇنچۇقىنى سوۋغا قىلدى. شۇ جايدىكى بالىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان مۈشۈكئېيىق رەسىمىنى شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەنگە تەقدىم قىلدى.

 ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېرلىن، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بېرلىندا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن جۇڭگو – گېرمانىيە ياشلار- ئۆسمۈرلەر پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسىنى كۆردى.

 ئىيۇل ئېيىدىكى بېرلىندا قۇياش نۇرى چاقناپ، ئەتراپ يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

 شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئولىمپىيە تەنھەرىكەت مەيدانىغا كەلگەندە، مېركېل ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مېركېل بىلەن بىللە زالغا ماڭغاچ گېرمانىيەنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن دوستانە پاراڭلاشتى ھەم ‹‹جۇڭگو – گېرمانىيە مەكتەپ پۇتبولى ھەمكارلىقى›› فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مېركېل بىلەن بىللە پۇتبول مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىغا بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كىچىك پۇتبولچىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ كىچىك پۇتبولچىلارغا مۇنداق دېدى: سىلەر جۇڭگو – گېرمانىيە پۇتبول ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۈمىدى ھەم جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دوستانە ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى. سىلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جان پىدالىق بىلەن ئېلىشىش روھىنى جارى قىلىپ، پۇتبول ماھارىتىنى ئۆگىنىپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ قېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

 شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مېركېل بىلەن بىللە جۇڭگو – گېرمانىيە ياشلار- ئۆسمۈرلەر پۇتبول دوستلۇق مۇسابىقىسىنى كۆردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ پۇتبول ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. پۇتبول سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بىرلىكتە پۇتبول ساھەسىدە ھەر تەرەپلىمە ئالاقە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ پۇتبول ھەمكارلىقى تېخىمۇ مول مېۋە بېرىدۇ.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364225451