سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-06

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېرلىن، 7–ئاينىڭ 4 –كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 –ئاينىڭ 4 –كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېرلىنغا بېرىپ، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

    شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان گېرمانىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندە، گېرمانىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى سوقۇش ئايروپىلانى ھاۋادا ئۇنى قوغداپ ماڭدى. شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 6 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مەخسۇس ئايروپىلان بېرلىندىكى تېگېل ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئايروپىلاندىن چۈشتى. مەيداندا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، سوقۇش ئايروپىلانلىرى ھاۋادا ھۆرمەت بىلدۈردى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا تۇرۇپ ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇردى.

    شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن گېرمانىيە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. جۇڭگو – گېرمانىيە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپلا قالماستىن، جۇڭگو – ياۋروپا، ياۋروپا – ئاسىيا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال يېتەكلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇش مەسئۇلىيىتى بار.

    شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەن گېرمانىيە رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى يۆنىلىشنى پىلانلاپ، جۇڭگو – گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ بۇلتۇرقى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئاساسىدا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، تەڭ نەپ ئېلىش توغرىسىدا بىرلىكتە ئىجابىي سىگنال تارقىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

    ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلاندا ھەمراھ بولۇپ كەلدى.

    جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شى مىڭدېمۇ ئايروپورتقا كۈتۈۋېلىشقا چىقتى.

    شى جىنپىڭ رۇسىيەگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن گېرمانىيەگە بارغان. موسكۋادىن ئايرىلغان چاغدا رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئايروپورتتا شى جىنپىڭنى ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. گېرمانىيەدىكى مەزگىلدە، شى جىنپىڭ يەنە ھامبۇرگقا بېرىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 20 – قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364192761