سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن موسكۋاغا كېلىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-04

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى ئايروپىلان بىلەن موسكۋاغا كېلىپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

    شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان موسكۋا ۋنۇكوۋو مەخسۇس ئايرودۇرۇمىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن سالماق قەدەم تاشلاپ ئايروپىلان ئىشىكىدىن چىقىشى بىلەنلا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

    شى جىنپىڭ ئايرودۇرۇمدىكى قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ھەربىي ئوركىستېر جۇڭگو ۋە رۇسىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇراسىم مارشىنى كۆردى.

    شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، دوستانە رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا كۈچلۈك ھەمدەمدە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ياۋروپا – ئاسىيا ئىقتىساد بىرلەشمىسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇردى. مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلەپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇ مېنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بۇيان رۇسىيەگە ئالتىنچى قېتىم كېلىشىم. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەر ساھە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، ئىككى دۆلەت جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە دوستانە زاتلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۇچرىشىشقا تەقەززامەن. بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

    ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلاندا ھەمراھ بولۇپ كەلدى.

    جۇڭگونىڭ رۇسىيەدىكى باش ئەلچىسى لى خۇيمۇ ئايرودۇرۇمغا كۈتۈۋېلىشقا چىقتى.

    شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم ھامبۇرگقا بېرىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 12 – قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ سەپىرىدە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى زۇڭتۇڭى پۇتىن، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى ستەيىن مېيئېر ۋە زۇڭلى مېركېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە ۋە گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ؛ گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى زۇڭلىسى مېركېلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 12 – قېتىملىق باشلىقلار ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

    شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ بارغانلاردىن يەنە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جيېچى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋچۈەن قاتارلىقلار بار.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364161421