سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىستىل ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق مۈشكۈل جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقايلى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-30

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىستىل ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق مۈشكۈل جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقايلى

 چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومېتىت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ھەل قىلغۇچ مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، كۆك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ مەركەزلىك تەھلىل قىلىنغانلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقپەرۋەرلىكى، خەلقنى سۆيۈش ھېسسىياتى ۋە چېگرادىكى مىللىي رايونلارغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تىرىشچان – ئەمەلىيەتچىل، چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي ئىشلەشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە يېتەكچىلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، بىزگە كۆك نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچ، تەخىرسىزلىك ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئىستىل ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۈشكۈل جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. بۇ، سالمىقى زور، كۆلىمى كەڭ، تەسىرى چوڭ، مىسلى كۆرۈلمىگەن جەڭ بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ خىزمەتلەرنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆڭۈل بۆلۈپ، نامرات رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يىغىنلارنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مۇھىم سۆز قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەلبىگە ۋە كاللىسىغا سىڭدۈرۈپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەڭ مۇھىم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كۆك نامرات رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 بىرىنچى، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، تىرەك بولۇش سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دىققەتنى دەل جايىدا كۈچەشكە مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، كۆك نامراتلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

 ئىككىنچى، نىشاننى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. 2020 – يىلىغىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى مۇقىم ئىشقا ئاشۇرۇش؛ نامرات رايونلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسلىق ساھەلەردىكى كۆرسەتكۈچىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇش؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، قولدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئېسىلىۋالماسلىق؛ بېكىتىلگەن نىشاننى كۆزلەپ، ۋەزىپىنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز قەرەلىدە ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ئۈچىنچى، قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى رايونلارنى دائىرە بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە <13 – بەش يىللىق> يولغا قويۇش يىرىك پىلانى››نى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەت، مەبلەغ، تۈرلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەبلىغى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنى ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈزلەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. يۆلەش مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 تۆتىنچى، دەل جايىدا بولۇشنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئادەم، ئائىلە ۋە كەنتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، بارلىق ھۈنەرنى ئىشقا سېلىش، چوڭ ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش، نىشانلىق داۋالاش، ‹‹ئالتە دەل جايىدا بولۇش››تا چىڭ تۇرۇش، ‹‹بەش بىر تۈركۈم››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكەت››نى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپلەرنى يېتەكلەش، تۈرلەرنى قوللاش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش، چېگرا رايوندىكى نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

 بەشىنچى، كۈچلەرنى يەنىمۇ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى مەخسۇس يۆلەش، ساھەلەر يۆلەش، جەمئىيەت يۆلەشتىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن›› چوڭ يۆلەش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر كۈچلۈك ناھىيە، شەھەر، رايونلار بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ناھىيە، شەھەرلەر ئۆزئارا يۆلەش ۋە ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ۋە تۈرلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا، دېھقان – چارۋىچىلارغا، نامرات رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ مايىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كەڭ قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

 ئالتىنچى، ئەقىل ۋە ئىرادە جەھەتتە يەنىمۇ يۆلەش كېرەك. نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، تېخنىكىلىق ماھارەت يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات ئاممىغا كۈتۈپ تۇرۇش، يۆلىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش ئىدىيەسىنى يېڭىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولى ۋە جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش تەربىيەسى بېرىش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

 يەتتىنچى، رەھبەرلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايون ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش، شەھەر – ناھىيەلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى مۇھىم چوڭ ئىش ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزى تۇتۇپ ئىشلەپ، خىزمىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تارماقلار ۋە ئورۇنلار ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پائال قاتنىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

 سەككىزىنچى، نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە ئاشكارا، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ باھالاش تەدبىرى ئارقىلىق جايلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، شەكىلۋازلىق، ساختىپەزلىك، رەقەملىك يۆلەش، شەكىلۋازلىق قىلىپ ئوبراز قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاممىغا ھەقىقىي ئېتىراپ قىلدۇرۇپ، ئۇنى ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا قىلچە ساختىلىق بولمىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

 شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364072661