سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېڭى قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى «Petya» شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغىدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-30

    شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىل 28-ئىيۇن، رۇسىيەنىڭ يېكاتېرىنبۇرگ، «Petya» قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كومپيۇتېر.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىگىلىنىشىچە، 27-ئىيۇندىن باشلاپ، مەخپىي نامى «Petya» بولغان بىر خىل يېڭى قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى رۇسىيە، ئۇكرائىنا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتكە ھۇجۇم قىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، مايدا شىددەتلىك يامرىغان «Wannacry» بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «Petya» قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز ئىكەن. ئۇ NSA «مەڭگۈلۈك كۆك» قاتارلىق خاككېرلىق قورالىنىڭ ھۇجۇم قىلىش سىستېمىسىدىكى يوچۇقىدىن پايدىلىنىپلا قالماي، يەنە «باشقۇرغۇچىلار ئورتاق بەھرىلىنىش» ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، ئىچكى تورغا ئاپتوماتىك سىڭىپ كىرەلەيدىكەن. ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ئاپەت ئېغىر يۈز بەرگەن رايونلاردا ھەر 10 مىنۇتتا 5000دىن كۆپ كومپيۇتېر بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364066501