سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر چېگرا مۇداپىئە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-30

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1 – شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 6 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەسئۇل ئورگىنى جۇڭگو – قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ ‹‹تەڭرىتاغ 3 – نومۇر (2017)››ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرىغا قاتناشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر چېگرا مۇداپىئە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى ۋاڭ جيەن، ج خ مىنىستىرلىقى چېگرا مۇداپىئە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن دىڭۋۇ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، جاۋ چىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

    چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر چېگرا مۇداپىئە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ‹‹تەڭرىتاغ 3 – نومۇر (2017)›› ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 16 يىلدىن بۇيان، بۇ، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان، ئىناق قوشنىدارچىلىق – دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغان، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدايدىغان مۇھىم سۇپا ۋە ئىشەنچلىك تايانچقا ئايلاندى. يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17 – يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىش كۈرىشىدە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، بىز رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئىلگىرىكىدەكلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خىزمىتىنىڭ ئالاھىدە يۆنىلىشى قىلىشىمىز كېرەك. ‹‹تەڭرىتاغ 3 – نومۇر(2017)›› ناملىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئۆتكۈزۈش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئاستانا باشلىقلار يىغىنى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى كېڭىشىنىڭ 30 – قېتىملىق قەرەللىك يىغىنىنىڭ قارارلىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تېررورلۇق تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چېگرا ئىچىدىكى خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مانېۋىرغا قاتناشقان كۈچلەرنىڭ زىچ ھەمكارلىشىپ، تېررورلۇققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلىش ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارى ۋە چېگرا مۇداپىئەسىگە دائىر قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، گېنېرال پولكوۋنىك سىسسويېۋ يېۋگېنىي سىرگىيىۋىچ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى. سىسسويېۋ مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغاندىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەدىكى ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. سىسسويېۋ: بۇ قېتىمقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدا قانات يايدۇرۇلغان ئەڭ يارقىن بىر قېتىملىق خەلقئارا ھەمكارلىق بولۇپ، بىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى ئارقىلىق دۇنياغا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە زەربە بېرىشتىكى مەيدانىمىز ۋە ئىرادىمىزنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىنى نامايان قىلدۇق، دېدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001364042111