سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ رۇسىيە، گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-29

شى جىنپىڭ رۇسىيە، گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 12–قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 –ئاينىڭ 27 –كۈنى تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 6 –ئاينىڭ 27 –كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىن، گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ستەيىن مېيئىر بىلەن زۇڭلىسى مېركىلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 3 –كۈنىدىن 6 –كۈنىگىچە بۇ ئىككى دۆلەتتە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

 گېرمانىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مېركىلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 –ئاينىڭ 7 –كۈنىدىن 8 –كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ 12 –قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001364014801