سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ‹‹بىردۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-27

  شى جىنپىڭ شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20يىللىق نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنى كۆرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

 دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ‹‹بىردۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

    لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ئايرىم–ئايرىم ھالدا كۆرگەزمىنى كۆردى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 –ئاينىڭ 26 –كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغىنىغا 20 يىل بولغان پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 –ئاينىڭ 26 –كۈنى دۆلەت مۇزېيىغا بېرىپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىق نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنى كۆردى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيان، مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى جايلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، دۇنيا تولۇق ئېتىراپ قىلىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. 20 يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› تارىختىن قېپقالغان شياڭگاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى لايىھە بولۇپلا قالماستىن، يەنە شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزاق مەزگىل گۈللىنىشىنى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ئەڭ ياخشى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

   شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش›› فاڭجېنىنى داۋاملىق، قەتئىي، ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي ئاساسىي قانۇن ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى بويىچە ئىش كۆرۈپ، شياڭگاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، بىر نىيەتتە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››نىڭ شياڭگاڭدا ئەمەلدە كۆرسىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مەزگىل گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، شياڭگاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى كۆرگەزمىنى كۆردى.

    شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە دۆلەت مۇزېيىغا كېلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى كۆردى. كۆرگەزمىنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ‹‹بىر نىيەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەيلى›› دېگەن مەزمۇن باش تېما قىلىنغان، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى››، ‹‹بىرلىكتە پۇرسەتنى چىڭ ئىگىلەيلى››، ‹‹بىرلىكتە سودىنى كېڭەيتەيلى››، ‹‹بىرلىكتە كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتايلى››، ‹‹بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەيلى››، ‹‹بىرلىكتە زىچ باغلىنايلى››، ‹‹بىرلىكتە كۈچلەرنى مۇجەسسەملەيلى››، ‹‹بىرلىكتە تەربىيەلىنىپ ۋارىسلىق قىلايلى›› ۋە ‹‹خاتىمە›› قاتارلىق ئون كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنگەن، سۈرەت، مودېل ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك ھەمتۈرتكە مەزمۇنلار ئارقىلىق شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 20 يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنغان.

    كۆرگەزمە زالىغا كىرگەندە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار بىلەن ئىچكىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا بىرلىكتە كۈچ قوشقانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ‹‹قەلبداشلار›› ھەمتۈرتكە قۇرۇلمىسى كۆزگە چېلىقىدۇ. شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، سېزىمچان ئېكراننى بېسىشى بىلەن قىپقىزىل يۈرەك ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكراندا پەيدا بولدى.

    شياڭگاڭنىڭ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىدا بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق جەۋلان قىلدى، شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا شياڭگاڭ ماھىرلىرى ئاساسىي مەيداندا چېمپىيون بولدى، سىچۈەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن شياڭگاڭ ياردەم بېرىپ قۇرغان تۈرلەر قېرىنداشلارغا چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت ئاتا قىلدى. قۇرۇلۇۋاتقان شياڭگاڭ – جۇخەي – ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلىپ بەردى، ‹‹شاڭخەي – شياڭگاڭ ئاكسىيە بىرژىسىنى تۇتاشتۇرۇش››، ‹‹شېنجېن – شياڭگاڭ ئاكسىيە بىرژىسىنى تۇتاشتۇرۇش›› شياڭگاڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى بېيىتتى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى شياڭگاڭنىڭ خەلقئارالاشقان شەھەر بولۇشتەك يېڭىچە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغىدى. يارقىن سۈرەتلەر، ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار، شۇنداقلا نەپىس مىكرو كىچىكلەتمە مودېللار ۋە كۆپ ۋاسىتىلىك كۆرسەتمىلەر شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبەرلەرنى جەلپ قىلدى. ئۇلار شۇ يەردە توختاپ بۇنى تەپسىلىي كۆردى، خىزمەتچىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

    بېيجىڭدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمىنى كۆردى.

http://news.xinhuanet.com/politics/2017-06/26/c_1121214709.htm

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001363986921