سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دەل جايىدا بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش ۋە جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-23

  ئاپتونوم رايوننىڭ 35 نامرات ناھىيەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى:

 ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دەل جايىدا بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش ۋە جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇق بەردى، شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى، نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى، لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئاپتونوم رايون 6 – ئاينىڭ 20 –، 21 – كۈنى 35 نامرات ناھىيەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، ۋەزىيەت ئانالىز قىلىنىپ، تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى قايتا سەپەرۋەر قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇق بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى، مەبلەغ سېلىنمىسىنى، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى، شەرق بىلەن غەربنىڭ ھەمكارلىقىنى، جەمئىيەتتىكى بىرىكمە كۈچلەرنى، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بىرىنچىدىن، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ، قەتئىي ئىرادە باغلاپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈچەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتتىق جېڭىدە جەزمەن غەلىبە قىلىش كېرەك.ئىككىنچىدىن، نىشاننى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نامرات ئاھالىنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ باھالاش قوماندانلىق تايىقىدىن پايدىلىنىپ، جايلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاممىنىڭ ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمىنى ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تېگى – تەكتىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ھەرىكەتچان تەڭشەپ، تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تېگىشلىكلىرىنى كىرگۈزۈپ، چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى چېكىندۈرۈپ، يۆلەشكە تېگىشلىكلىرىنى يۆلەپ، نامراتلارنى پەرقلەندۈرۈش بويىچە ئومۇميۈزلۈك قاپلاشقا، باشقۇرغۇچىسىز نۇقتا بولماسلىققا، چۈشۈپ قالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، تەدبىر تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇش كېرەك. ئادەم، ئائىلە، كەنتكە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىشنى ‹‹كەشتە تىكىش››تەك ئىنچىكە، ئەستايىدىل قىلىپ، ‹‹ئالتە دەل جايىدا بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەش بىر تۈركۈم››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئون چوڭ مەخسۇس ھەرىكەت››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش، كەسىپ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، نامراتلارنى ھەمكارلىشىپ يۆلەشكە كۈچەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. بەشىنچىدىن، مۇھىم نۇقتىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىپ، سىياسەت، مەبلەغ، تۈر جەھەتتىن جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىختىيارلىقىغا ھۆرمەت قىلىش، پائال، ئىشەنچلىك بولۇش، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ناچار، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان، ئۆز جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ناھايىتى تەسكە توختايدىغان چېگرا رايوندا بولمىغان نامرات ئاممىغا قارىتا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇش؛ چېگرانى مۇقىملاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز جايىدا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، چېگرا رايوندىكى نامرات ئاممىنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرانى خاتىرجەم قوغداش، مۇستەھكەملەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالتىنچىدىن، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە پۇختا ئاساس سېلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجە بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

 شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە مىسلىسىز مەدەت بەردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەستە قولغا كېلىدىغان پۇرسەت ۋە پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹ئومۇمىي خەلق قاتناشقان›› نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھالقىلىق نۇقتىلارنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىن قارىغاندا، ئەڭ مۇھىمى تېگى – تەكتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىدىن قارىغاندا، ئەڭ مۈشكۈلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىدىن قارىغاندا، ئەڭ ئاجىز ھالقا ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى؛ رايونلار بويىچە تارقىلىشىدىن قارىغاندا، ئەڭ گەۋدىلىكى نامرات ناھىيەلەر ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست؛ خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن قارىغاندا، ئەڭ مۇھىم ھالقا دەل جايىدا بولۇش ئىستىلى. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار ۋەزىيەتكە توغرا ھۆكۈم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ‹‹قورغان››نى ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدىكى ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت قاتتىق جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇھىم بۇرچنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

 شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى پۇختىلاشتا زېھنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىپ، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى پەرقلەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نامراتلارنى تۈرگە ئايرىشنى قانات يايدۇرۇش، نامراتلىقتىن چېكىنىشنى بېكىتىشتە چوقۇم دەل جايىدا بولۇش؛ نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە زېھنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، باشقا جايغا يۆتكەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى بېرىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى يولغا قويۇش؛ نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا زېھنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە زېھنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسى يېتەكچى قىلىنغان مەبلەغ بىرىكتۈرۈش مېخانىزمىنى، تۈر يادرو قىلىنغان كەسىپ ھەمكارلىق مېخانىزمىنى، بىرلەشمە يىغىن تۇتقا قىلىنغان بىر تۇتاش يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا زېھنى ۋە كۈچىنى سەرپ قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئائىلىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ئاممىۋى تەشۋىقات – تەربىيە قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۆھرەت زاكىر يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشتە. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، زىممىسىگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى بولۇپ، جەزمەن ئۆز قەرەلىدە تاماملاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، جەڭدە غەلىبە قىلمىغۇچە قەتئىي توختاپ قالماسلىقى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان – ۋەزىپىلىرىنىڭ كويىدا بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىپ، ‹‹ئالتە دەل جايىدا بولۇش›› تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىر تۈركۈم›› قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ئورتاق مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي، نۇقتىلىق يۆلەش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ يۆلەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ يۆلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىشى ۋە شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات›› مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، قىلغان ئىشتىن چوقۇم نەتىجە قازىنىشتەك ئېسىل ئىستىل بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

 يىغىندا 35 نامرات ناھىيە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى مەسئۇلىيەتنامىسى تاپشۇردى. كېرىيە، قەشقەر كوناشەھەر، ئۇلۇغچات، ئۇچتۇرپان قاتارلىق نامرات ناھىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى؛ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت باج ئىدارىسى، سانجى يۇقىرى – يېڭى تېخنىكا كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن پېڭ جيارۈي، ھۆرىگۈل جاپپار، جاڭ چۈنلىن، بەي جىجيې، لى پىڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001363896071