سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە–خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-21

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەز ئارمىيە–خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 1–ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە–خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 1 – ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈش ئۇزاقتىن بۇيان ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىمىزنىڭ مۇھىم نەتىجىسى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىك ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تەدبىر، شۇنداقلا مۇرەككەپ خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىك قارىشى ۋە يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى، ئېھتىياجنى بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاشۇرۇلما مىقدار بىلەن ساقلانما مىقدارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتى، سىستېما بىلەن ئامىلنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، تۈزۈم – ئۆلچەم قۇرۇلۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي ئامىللىق، كۆپ ساھەلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئارمىيە – خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، ئارمىيە – خەلق بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى جاڭ گاۋلى ئىشخانا قۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى ۋە يىغىندا قاراپ چىقىلىدىغان ھۆججەتلەر توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

 يىغىندا ‹‹مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ خىزمەت قائىدىسى››، ‹‹مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى››، ‹‹مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ يېقىنقى خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى›› ۋە ‹‹ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئاپپاراتى ۋە خىزمەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىش پىكرى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى، شۇنداقلا ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپكى يۇغۇرما تەرەققىياتتىن چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتقا يۈزلىنىشتىكى ئۆتكۈنچى مەزگىل، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق مەزگىل. ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەر جەزمەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەپەككۇر يوللىرىنى ئېچىپ، بىر تۇتاش بولۇشقا كۈچەپ، يۇغۇرما تەرەققىياتتا نەتىجە قازىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە – خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دۆلەت ئەھۋالى، ئارمىيە ئەھۋالىنى مەۋقە قىلىپ، جۇڭگوچە ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات قارىشى ۋە تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ساھەسىدە، پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ – چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بازار مەشغۇلاتىنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پىلانلاش – يېتەكلەش، تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش ۋە بازارلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى قوش تىرەكلىك، تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارمىيە – خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ چىقىش يولى. ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىپ، بېكىنمىچىلىكنى بۇزۇپ تاشلاشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، تۈزۈلمە، مېخانىزم ۋە سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يۇغۇرما تەرەققىيات سىستېمىسىنى قايتا تىكلەش ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ئاۋۋال يولغا قويۇپ، ئاۋۋال سىناپ يېڭىلىق يارىتىشتەك ئۈلگە كۆرسىتىش ۋاسىتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە – خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماھىر بولۇپ، قانۇن – نىزاملارنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارنى چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، شەرھلەش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈم مۇھىتىنى ياخشىلاپ، توسۇقنى قەتئىي بۇزۇپ، مۇزنى چېقىپ، بوسۇغىنى ئېلىپ تاشلاپ، بازار ئىجازىتى تۈزۈمىنى تەڭشەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، سىياسەت جەھەتتە يېتەكلەپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ كارخانا، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا، كاپىتال، مۇلازىمەت قاتارلىقلارنىڭ ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارمىيە – خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، كۈچنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر جاينى نۇقتا قىلىش، باشقا جايلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائىتى، قورال – جابدۇق سېتىۋېلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئارمىيە كاپالىتىنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسىگە سەپەرۋەر قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ساقلانما بايلىقنى جانلاندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاشۇرۇلما بايلىقنىڭ تەقسىماتىنى ياخشىلاپ، ئارمىيە – خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دېڭىز – ئوكيان، ئالەم بوشلۇقى، تور بوشلۇقى، جانلىقلار، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئارمىيە – خەلقنىڭ تەڭ پايدىلىنىشچانلىقى كۈچلۈك، پىلانلاش – لايىھەلەش، تەشكىللەپ يولغا قويۇش، نەتىجىدىن پايدىلىنىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ۋە تەلىپىنى سىڭدۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، كۆپ ئۆلچەملىك، بىر گەۋدىلەشكەن، ماس ئىلگىرى سۈرۈلىدىغان، ھالقىما تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان گۈللەنمە ساھەلەردە ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئارمىيە – خەلق چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، مەسئۇلىيەت بويىچە ئىش تەقسىملەپ، ‹‹مىخ روھى›› بويىچە ئىشلارنى بىرمۇبىر تۇتۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە، زور قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم كۆرۈلۈشىنى تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي سۈپەت – ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى روشەن يۆنىلىش ۋە باھالاش ئۆلچىمىنىڭ قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشقا كۈچەپ، دادىللىق بىلەن خەتەرگە يۈزلىنىپ، نېسىۋىسىگە تېگىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، يول ئېچىپ مېڭىپ، ئەگرى يولدا ماڭماي، تەشكىللەپ باشقۇرۇش، سىياسەت تۈزۈش، زور ئىسلاھات، ئۇل قۇرۇلۇش، سىناق نۇقتىسىدا ئۈلگە كۆرسىتىش جەھەتلەردىكى بىرتۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تارماق، ساھە، رايون ھالقىغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش ئاپپاراتى تەسىس قىلىشنى تېزلىتىپ، فۇنكسىيە تەقسىماتى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

 مەركەز ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز، دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001363837101