سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ 2017–يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-20

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجۇ، 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى تېلېگراممىسى. 2017 – يىللىق كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 6 – ئاينىڭ 17 – كۈنى كەچتە گۇاڭجۇدا باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارنى، تەنھەرىكەتچىلەرنى، تىرېنېرلارنى سەمىمىي قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز بۇ يىل 9 – ئايدا ئېچىلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى شيامېن يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىمىز. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ماھارەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش، ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينايدۇ. تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ياخشى ئىستىلنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇسابىقىنى سەۋىيەلىك تاماملاپ، ئەلا نەتىجە قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001363776691