سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يۇۋېنتۇس پۇتبول كۇلۇبى قازا قىلغان مەستانىسىگە تەزىيە بىلدۈردى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-16

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 4 - ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن ئىتالىيەنىڭ يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنىڭ نۇرغۇن مەستانىلىرى ئىتالىيەنىڭ تۇرىن شەھىرىدىكى مەيدانغا يىغىلىپ مۇسابىقە كۆرگەن بولۇپ، مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر ئېغىر يارىلانغان. شۇ يەر ۋاقتى 15 - ئىيۇن شۇ قېتىملىق دەسسىلىشتە يارىلانغان فىيورىدى ئىسىملىك بىر مەستانىنىڭ قازا قىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان يۇۋېنتۇس كۇلۇبى قازا قىلغان مەستانىسىگە تەزىيە بىلدۈرگەن.

    خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دەسسىلىش ۋەقەسى مەستانىلەر ئارىسىدىكى بىرەيلەننىڭ ساليوت ئېتىپ، بومبا پارتلىغاندەك ئاۋاز چىقارغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. كىشىلەر ئاۋازنى ئاڭلاپلا تېروررچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئوخشايمىز، دەپ جىددىيلىشىپ قالايمىقان يۈگۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىقى پاجىئە يۈز بەرگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001363707701