سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بۇيرۇق ئىمزالاپ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم مەلۇم لۈسىنىڭ ئالاھىدە ئۇرۇش قىلغۇچى 1 –ليەنىگە شەرەپلىك نام بەردى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-15

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم مەلۇم لۈسىنىڭ ئالاھىدە ئۇرۇش قىلغۇچى 1 – ليەنىگە ‹‹شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئۈلگىلىك ئالاھىدە ئۇرۇش قىلغۇچى ليەن›› دەپ شەرەپلىك نام بەردى.

    بۇيرۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ ليەن دىققىتىنى پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچتە مۇتلەق›› بولۇش تەلىپى بويىچە ئارمىيە روھىنى تاۋلاپ، ‹‹تۆت بولۇش›› تەلىپىنى چۆرىدىگەن ھالدا يېڭى ئەسكەرلەرنى تەربىيەلەپ، ‹‹دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان›› خىل قوشۇن بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، ‹‹پولاتتەك ھەربىي ئىنتىزام››غا رىئايە قىلىش ئارقىلىق ئوبرازىنى تىكلەپ،ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى پەللىگە قەدەم قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ناھايىتى ياخشى تاماملاپ، ئالاھىدە مۇھىتتا شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ فۇنكسىيەسى، بۇرچىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلدى. بۇ ليەن ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم سابىق گۇاڭجۇ ھەربىي رايونى، شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىم تەرىپىدىن ‹‹ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە ئورۇن›› دەپ تەقدىرلەنگەن، بىر قېتىم ‹‹2 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى››، ‹‹ 3 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى››، دەپ ئەنگە ئېلىنغان، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى ‹‹مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى›› دەپ تەقدىرلەنگەن.

    بۇيرۇقتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم تىرىشىپ بۇ ليەندىن ئۆگىنىپ، ئۇلارغا ئوخشاش قەتئىي بوشاشماي كاللىسىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ سىياسىي ئېڭى، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، نوپۇزنى، يادرونى قەتئىي قوغداپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قوغداپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قىسىمنىڭ مۇتلەق سادىق، پاك، ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قوماندانلىقىغا قەتئىي بويسۇنۇشى؛ ئۇلارغا ئوخشاش جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمنى مۇستەھكەم بېكىتىپ، بۇرچ، ۋەزىپە بويىچە ھەربىي تەلىم ئېلىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ، ئەمەلىي جەڭ تەلىپى بويىچە قورال كۈچى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ چاقىرغان ھامان ھازىر بولىدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان سەرخىل قوشۇن بەرپا قىلىشى؛ ئۇلارغا ئوخشاش ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نىزام ۋە قائىدە – تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھەيۋەتلىك، مەدەنىي قوشۇنلۇق ياخشى ئوبرازىنى باشتىن – ئاخىر ساقلىشى؛ ئۇلارغا ئوخشاش ‹‹تۆتنى قەتئىي چىڭ تۇتۇش›› تەلىپىگە ئاساسەن، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچلۈك ئالدىنقى سەپ، مۇستەھكەم قورغان قۇرۇپ، ۋىجدانلىق، قابىلىيەتلىك، جىگەرلىك، پەزىلەتلىك يېڭى ئەۋلاد ئىنقىلابىي ئەسكەرلەرنى يېتىشتۈرۈپ، پولاتتەك ئېتىقاد، ئىشەنچ، ئىنتىزام، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىغا ئىگە، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قىسىم قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ۋە ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر بۇ ليەننى ئۈلگە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 –، 4 –، 5 –، 6 – ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001363654261