سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ھىندىستاندا مايدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى 2 مىليون 30 مىڭغا يەتتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-14

    ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ 5-ئايدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى % 10.05 ئاشقان، ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارى 2 مىليون 30 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ بىلەن ئەڭ كۆپ سېتىلىش رېكورتى يارىتىلغان. ئاساسلىقى ئاپتوموبىل، موتوسىكلىتنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە موتوسىكلىتنىڭ سېتىلىش مىقدارى %11.89 ئېشىپ، 1 مىليون 690 مىڭغا، ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارى %8.63 ئېشىپ، 251 مىڭغا يەتكەن. لېكىن مايدا سودا ئاپتوموبىلى بىلەن ئۈچ چاقلىق ۋېلىسپىتنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاز بولغان.

    ئىگىلىنىشىچە، 3-قاتاردىكى شەھەرلەردە ئاپتوموبىلغا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئېشىپ، ھىندىستاندىكى بارلىق ئاپتوموبىل ياساش سودىگەرلىرى سېتىش تورىنى بۇ شەھەرلەرگە يۆتكىگەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001363651861