سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن ئارمىيەمىز يېڭىدىن ‹‹1–ئاۋغۇست ئوردېنى›› تەسىس قىلدى ھەم تۇنجى قېتىم باھالاشنى تەشكىللىدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-13

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى : مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئارمىيەمىز يېڭىدىن ‹‹1 – ئاۋغۇست ئوردېنى›› تەسىس قىلدى ھەم تۇنجى قېتىملىق باھالاشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ‹‹1 – ئاۋغۇست ئوردېنى›› مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قارار قىلىدىغان، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى ئىمزا قويۇپ گۇۋاھنامە تارقىتىدىغان ھەم ئوردېن بېرىدىغان ئارمىيەدىكى ئالىي شان – شەرەپ بولۇپ، ئۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن ئارمىيەدىكى خادىملارغا بېرىلىدۇ. ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى رەسمىي قىسىمى نامزات كۆرسىتىپ تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق يېقىندا دەسلەپكى نامزاتلار ۋۇجۇدقا كەلدى، ئۇلار ئارمىيە ئىچى – سىرتىغا ئېلان قىلىنىپ، باھالاشنى قوبۇل قىلىدۇ.

    ‹‹1 – ئاۋغۇست ئوردېنى››نى باھالاپ تارقىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خىزمەت كۆرسىتىپ شۆھرەت قازانغانلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى تاكتىكىلىق يوليورۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەتنى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەگە بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقى تولۇق ئىپادىلەنگەن، قەھرىمان، نەمۇنىچى تىپلارنى يۈكسەك دەرىجىدە تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئارمىيەنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىدىغان كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. بۇ قېتىمقى باھالاپ ئوردېن بېرىش خىزمىتىدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى تۈپ مىزان قىلىنىپ، دىققەت ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىشقا ۋە جەڭگىۋار كۈچلەرگە بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىلغارلىققا ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، بۇ قېتىم جەڭگىۋارلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئاشۇرغان، ئۇرۇش قىلىش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى تاماملىغان، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگەن، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتكەن قەھرىمان، نەمۇنىچى تىپلار نۇقتىلىق تاللاندى. ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار باھالاشنى تەشكىللەشنى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەربىي تەلىم، ئۇرۇش تەييارلىقىنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىنى كۈچەيتىپ، نامزات كۆرسىتىپ تونۇشتۇرۇش، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىشقا تەشكىللەش، ئومۇميۈزلۈك باھالاش، تەستىقلاشقا يوللاش قاتارلىق قەدەم – باسقۇچلار بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، باھالاش جەريانىنى قەھرىمان، نەمۇنىچىلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    ‹‹1 – ئاۋغۇست ئوردېنى›› ھەربىيلەرنىڭ ئالىي شان – شەرىپى بولۇپ، قەھرىمان، نەمۇنىچىلار مىللەتنىڭ ئەڭ يارقىن ئۈلگىسى. ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر نامزات كۆرسىتىپ باھالاشقا پائال قاتناشتى ھەم: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى، چوڭقۇر مۇھەببىتىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ‹‹1 – ئاۋغۇست ئوردېنى››نى باھالاپ بېرىشنى مۇھىم پۇرسەت دەپ بىلىپ، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىپ، خىزمەت كۆرسىتىپ، ئىلغارلاردىن بولۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئاتلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋالىمىز، دېيىشتى.

    ئوردېن بېرىش ئارمىيەمىزنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم شان – شەرەپ ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمى بولۇپ، دۆلەت 1955 – يىلى يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى ۋە ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە خەلق ئارمىيەسىدىكى خىزمەت كۆرسەتكەنلەرگە ‹‹1 – ئاۋغۇست ئوردېنى›› ۋە تەقدىرنامىسى، ‹‹مۇستەقىل ئەركىنلىك ئوردېنى›› ۋە تەقدىرنامىسى، ‹‹ئازادلىق ئوردېنى›› ۋە تەقدىرنامىسى بېرىشنى قارار قىلغان. 1988 – يىلى ئارمىيەمىز شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئارمىيەدىكى دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارغا ‹‹قىزىل يۇلتۇز تۆھپە مېدالى››، ‹‹مۇستەقىللىق تۆھپە مېدالى››، ‹‹غەلىبە تۆھپە مېدالى›› بېرىشنى قارار قىلغان. 

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001363616611