سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار سۈت بېزى راكىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىغان دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-12

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى تەتقىقاتچىلار سۈت بېزى راكىنى داۋالايدىغان بىر يېڭى دورىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل Abemaciclib نامىدىكى دورا ئەنئەنىۋى fulvestrant ئارقىلىق داۋالاش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، سۈت بېزى راكىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدىكەن. 

    تەتقىقاتقا رەھبەرلىك قىلغۇچى، ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەس سىسى جورجى سلېدىجنىڭ ئامېرىكا كېلىنكىلىق ئۆسمە ئىلىمىي جەمئىيتى يىغىنىدا ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ كىلىنكىلىق سىنىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەقەت fulvestrant ئارقىلىق داۋالاشقا سېلىشتۇرغاندا،  Abemaciclib بىلەنfulvestrant بىرلەشتۈرۈلگەندە، سۈت بېزى راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ناچارلىشىپ ئۆلۈش نىسبىتىنى %45 تۆۋەنلەيدىكەن.

    سلېدىجنىڭ ئېيتىشىچە، Abemaciclib بىلەن fulvestrant نى بىرلەشتۈرۈش دەسلەپكى مەزگىللىك ئىچكى ئاجرالمىلارنى تەڭشەپ داۋالاشتىن كېيىنكى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىپ HR+/HER2 ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان ئاخىرقى باسقۇچتىكى سۈت بېزى راكى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك داۋالاش ھېسابلىنىدىكەن.

    ئەنگلىيە تايمىس گېزىتى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، Abemaciclib نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش داۋالاش بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى 16 يېرىم ئايغىچە مۇقىم قىلالايدىغان بولۇپ، ئارام بېرىش تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتىن يەتتە يېرىم ئاي ئۇزۇن بولىدىكەن.

    نۆۋەتتە، Abemaciclib نىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك داۋالاش ئۈنۈمى ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىنىۋېتىپتۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001363596651