سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

رونالدو دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ كىرىم قىلىدىغان تەنھەرىكەتچى ئىكەن

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: ‏ تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى ‏
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-12

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئىيۇن لىسبوندىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «فوربېس» ژورنىلى يېقىندا 2017-يىللىق تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ كىرىمىنى دەرىجىگە تىزغان بولۇپ، پورتۇگالىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى كىرىستىيانو رونالدو 93 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 560 مىليون يۈەن) لىق كىرىم بىلەن ئۇدا ئىككى يىل كىرىمى ئەڭ يۇقىرى چولپانلار قاتارىغا كىردى. ئۇنىڭ بۇلتۇرقى يىللىق كىرىمى 88 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقانىدى.

    «فوربېس» ژورنىلى 2016-يىل ئىيۇندىن 2017-مايغىچە ئىستاتىستىكىلىغان سانلىق مەلۇماتلاردا رونالدونىڭ پۇتبولدىن كىرگەن يىللىق كىرىمى ۋە يىللىق مۇكاپاتى 58 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئېلان كىرىمى 35 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

    بۇ تىزىملىكتە ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى ۋاسكېتبول چولپىنى جامىس بولۇپ، ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 86 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۈچىنچى ئورۇندىكى ئارگېنتىنالىق پۇتبول چولپىنى مېسسىنىڭ كىرىمى 80 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001363596541