سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-12

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 35–قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى 

    چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 6–ئاينىڭ 11–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 35– قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 35–قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىسلاھات ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى ئەتراپلىق بايان قىلىپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىي پىرىنسىپى، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە نىشان تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇش، ئومۇميۈزلۈك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلمىي قىبلىنەما ۋە تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇشنى ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلەش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    بىرىنچى، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىش مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىسى ھەم مۇھىم ئىسلاھات ئۇسۇلىدۇر. شۇڭا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك بولۇش›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ ئىزدىنىش، ئۈلگە يارىتىش، بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېتەكلەش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق تونۇپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىناق نۇقتىسىنى توغرا تاللاپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پايدىلىق ئىزدىنىش نەتىجىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

    ئىككىنچى، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنىڭ يېتەكلىشىدە، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈزۈلمە – مېخانىزم مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش نىشانغا يېتىشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

    ئۈچىنچى، نۇقتىدا سىناق قىلىش پىرىنسىپىنى ئىلمىي ئىگىلەش كېرەك. ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئاساسىي قاتلامغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆرنەك قىلىشقا، ئومۇملاشتۇرۇشقا بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىسلاھاتنى ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئىشقا ئاشۇرۇش يولى ۋە شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

    تۆتىنچى، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. ئىز قوغلاپ ئىگىلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئىلمىي باھالاپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبە – ئۇسۇللىرىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇپ، دائىرىلىك ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    بەشىنچى، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، يۇقىرى قاتلامدا لايىھەلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتنىڭ ئىچكى مۇناسىۋىتىنى يۈرۈشتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش رىتىمى ۋە قەدەم باسقۇچىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ماس ۋە يۈرۈشلۈك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سىستېمىلىق مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

    ئالتىنچى، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پۈتۈن زېھنى ۋە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھات ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇشى، ‹‹قولمۇ قول تۇتۇش››تا چىڭ تۇرۇشى، مەسئۇلىيەت ۋە بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام چۈشۈرۈشى، جايلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشى، قەتئىي بوشاشماي ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا كۈچلۈك بىرلەشمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا ‹‹ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى لايىھە›› قاراپ چىقىلدى ۋە ماقۇللاندى.

    يىغىنغا شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۇەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۇي قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001363589611