سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ قازاقىستان سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-12

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئىيۇن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17- قېتىملىق يىغىنى ۋە ئاستانادا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

    ھەمراھ بولۇپ بارغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى.

    شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئاستانىدىن ئايرىلىپ دۆلىتىمىزگە قايتتى. قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاسقار مامىن قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001363589491