سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ نەزەربايېۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

مۇھەررىر: ئابىدە
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-09

    ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشۇلدى

    ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسى جۇڭگو سارىيىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم جۇڭگو–قازاقىستان ئاسىيا–ياۋروپا چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنى سىنلىق ئۇلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 6 –ئاينىڭ 8 –كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 –ئاينىڭ 8 –كۈنى ئاستانىدە قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور نەتىجىلەرگە ئىجابىي باھا بەردى، ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە ساھەلىرىنى پىلانلىدى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى قارار قىلدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيان، جۇڭگو – قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغۇدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى جىپسىلاشتۇرۇلدى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ھەمكارلاشتى، يادرولۇق مەسىلىلەردە بىر – بىرىنى قەتئىي قوللىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق دائىرىسى كېڭەيدى، چوڭقۇرلاشتى، كۆلىمى زورايدى ۋە سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئادىمىيەت ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۈچەيدى.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو – قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ قىسقىغىنا ۋاقىتتا ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرالىشىدا ئىككى تەرەپنىڭ باشتىن – ئاخىر ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ھەمدەم بولۇش روھىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرغانلىقى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىگە باشتىن – ئاخىر ئەمەل قىلغانلىقى ئاچقۇچ بولدى. جۇڭگو قازاقىستان بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، ھەرقايسى ساھەدىكى دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ قويۇق بولغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى ۋە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، مەڭگۈ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايدۇ.

    نەزەربايېۋ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستان بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 25 يىل بولغان پەيتتە قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن ھەمدە بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھازىر قازاقىستان – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىشتىكى يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. قازاقىستان جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا، سىياسىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى، ب د ت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ئالاقىلىشىپ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئاستانىدە تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى زور. قازاقىستان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› رامكىسى ئىچىدە چېگرا تىرانسپورتى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، سانائەت رايونى، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ.

    ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى قاتلاملىق ۋە مېخانىزملىق ئالاقىنى ساقلاش ۋە قويۇقلاشتۇرۇش، قارشى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولى ۋە قوللانغان ئىچكى – تاشقى سىياسەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى قوللاش، رايون بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىت ۋە مۇقىملىققا بولغان خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا قوشۇلدى.

    ئىككى تەرەپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى ‹‹پارلاق يول›› يېڭى ئىقتىساد سىياسىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشكە قوشۇلدى. بۇنىڭدا نۇقتىلىق قىلىپ يېڭى ئاسىيا – ياۋروپا قۇرۇقلۇق چوڭ كۆۋرۈكى، جۇڭگو – ئوتتۇرا ئاسىيا – غەربىي ئاسىيا ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى قازاقىستان بەرپا قىلىدىغان خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت غول لىنىيەسى ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قازاقىستاننىڭ سانائەتلىشىشنى تېزلىتىش مۇساپىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، جۇڭگونىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت ئەۋزەللىكىنى قازاقىستاننىڭ شەرققە يۈزلەنگەن دېڭىز تىرانسپورت ئېھتىياجى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، ‹‹رەقەملىك يىپەك يولى›› تەشەببۇسىنى ‹‹رەقەملىك قازاقىستان›› ئىستراتېگىيەسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

    ئىككى تەرەپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش، سانائەت رايونىنى بىرلىكتە قۇرۇشنى قوللاش، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، يېڭىلىق يارىتىش، ياسىمىچىلىق، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، پەن – تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىشقا قوشۇلدى.

    ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاراتقۇ، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە قوشۇلدى. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللىدى.

    ئىككى تەرەپ چوڭ – چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە زىچ ئالاقىنى ساقلاپ، ب د ت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ئاسىيا قىتئەسىدىكىلەر ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم رامكىسى ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە ھەم دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە قارشى ئورتاق زەربە بېرىپ، دۇنيا ۋە رايون خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا قوشۇلدى.

    ئىككى تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى مۇھىم، ئاكتىپ رولىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، ‹‹شاڭخەي روھى››نى داۋاملاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى سىياسىي، خەۋپسىزلىك، سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشۇلدى. شى جىنپىڭ قازاقىستاننىڭ بۇلتۇر نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولۇشنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاستانا باشلىقلار كېڭىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قىلغان نۇرغۇن زور ئۈنۈملۈك خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، جۇڭگو نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولۇشنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئاستانا باشلىقلار كېڭىشىدىكى ئورتاق تونۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلەشتە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ھەمكارلىشىشتا تېخىمۇ ئەمەلىي، ھەرىكەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش نىشانىغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. نەزەربايېۋ مۇنداق دېدى: قازاقىستان جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللايدۇ.

    سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىرلەشمە باياناتى››غا ئىمزا قويدى ھەم ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد – سودا، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، سۇچىلىق، سۈپەت تەكشۈرۈش، باج ئىشلىرى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا شاھىت بولدى.

    ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

    شى جىنپىڭ سۆھبەتتىن ئىلگىرى نەزەربايېۋ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزگەن كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

    شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە كەلدى، نەزەربايېۋ شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ قازاقىستاننىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. نەزەربايېۋ شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەنلەر بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى كۆرەك مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، قازاقىستاننىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ نەزەربايېۋنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

    ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسى جۇڭگو دۆلەت سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم جۇڭگو – قازاقىستان – ئاسىيا – ياۋروپا چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنى سىنلىق ئۇلاش مۇراسىمىغا بىللە قاتناشتى.

    شى جىنپىڭ ۋە نەزەربايېۋ جۇڭگو دۆلەت سارىيىنىڭ تاشقى زالىغا كەلگەندە، جۇڭگودىن كەلگەن ھەر مىللەت ئارتىسلار بىرلىكتە ئۇسسۇللۇق ناخشا ‹‹ناخشا ساداسى ۋە كۈلۈمسىرەش›› نى ئورۇنلاپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

    شى جىنپىڭ ۋە نەزەربايېۋ جۇڭگو دۆلەت سارىيىغا كىرگەندىن كېيىن توختاپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول داغدام يول سەپىرى›› قىسقا فىلىمىنى كۆردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ‹‹ئېنېرگىيە كارىدورى›› كۆرگەزمە رايونى، ‹‹ئەقلىي ئېنېرگىيەنىڭ بىر كۈنى›› كۆرگەزمە رايونى، ‹‹كەلگۈسى ئېنېرگىيە ئارزۇسى›› تىياتىرخانىسى، ‹‹دۇنيانىڭ بۇرچى ۋە ھەمراھلار›› كۆرگەزمە رايونى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ ‹‹ئەقلىي ئېنېرگىيەنىڭ بىر كۈنى›› كۆرگەزمە رايونىدا نەزەربايېۋنى ئوقپويىزنى تەقلىدىي ھەيدەپ بېقىشقا تەكلىپ قىلدى. ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ماڭغاچ كۆزدىن كەچۈرۈپ، توختىماي پىكىر ئالماشتۇردى.

    ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن دۇنيا كۆرگەزمىسى بولۇپ، ‹‹كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە›› بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى قىلىنغان. بۇ نۆۋەتلىك مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان 100دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات ئىچىدە، جۇڭگو ئەڭ بۇرۇن جۇڭگو سارىيىنىڭ قۇرۇلۇشىنى باشلىغان. جۇڭگو سارىيىنىڭ بېكىتكەن ئاساسىي تېمىسى ‹‹كەلگۈسى ئېنېرگىيە، يېشىل تەرەققىيات›› بولۇپ، بۇنىڭدا خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش، مۇھىت ئاسراش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىدىيە ۋە ئۇسۇلىدىن بەھرىمەن بولۇشنى مەقسەت قىلغان.

    ئاخىرىدا جۇڭگو – قازاقىستان باشلىقلىرى جۇڭگو سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئاسىيا – ياۋروپا چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنى سىنلىق ئۇلاش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.

    شى جىنپىڭ بىلەن نەزەربايېۋ جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت ھەمكارلىقى تونۇشتۇرۇلغان قىسقا فىلىمنى كۆڭۈل قويۇپ كۆردى. نەق مەيداندا جۇڭگو – قازاقىستان ليەنيۈنگاڭ پورتى ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق بازىسى ۋە ‹‹قورغاس – شەرقىي دەرۋازا›› ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى سۇسىز پورتى سىنغا ئۇلاندى، سىندا ئىككى جايدىكى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ مەشغۇلات قىلىۋاتقان، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاۋاتقان، نۆۋەتچى پويىزلارنى گۇرۇپپىلارغا ئايرىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر كۆرۈندى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى. ئىككى دۆلەت باشلىقى مەشغۇلات دەستىسىنى بىرلىكتە ئىتتىردى، سىندا ئىككى شۆبە يىغىن مەيدانىدىكى تۆت نۆۋەتچى پويىزنىڭ گۈدۈكى چېلىنىپ، تەڭ يولغا چىققان كۆرۈنۈش كۆرۈندى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم – ئايرىم نۇتۇق سۆزلىدى.

    شى جىنپىڭ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو – قازاقىستان چېگرا ھالقىغان نۆۋەتچى يۈك پويىزىنىڭ قاتنىغانلىقى جۇڭگو بىلەن قازاقىستانغىلا نەپ يەتكۈزۈپ قالماي، يەنە ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەرگە تىرانسپورت جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق ۋە ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلەن 21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنىڭ ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇلغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى. ئىككى تەرەپ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى <پارلاق يول> يېڭى ئىقتىسادىي سىياسىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى››نى پائال ئەمەلىيلەشتۈرىدۈ. قازاقىستان ئەنئەنىۋى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىدىن ئاسىيا – ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىكى مۇھىم تىرانسپورت تۈگۈنىگە ئايلىنىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ سودا زەنجىرىدە تەدرىجىي مۇھىم رول ئوينىماقتا. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى رايوننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشقۇسى. ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، ليەنيۈنگاڭ پورتى بىلەن قورغاس تۇتاشتۇرۇلغان يېڭى ئاسىيا – ياۋروپا قۇرۇقلۇق – دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورت يولىنى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىق تەشەببۇسىنىڭ بەلگە ۋە ئۈلگە تۈرى، ئۇنى ئورتاق ھالدا تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىلگەن يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    نەزەربايېۋ نۇتقىدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىغا، جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى دۇنيا كۆرگەزمىسىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا ھەم ئۇنىڭغا ئاكتىپ قاتاشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سارىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسى يېشىل يىپەك يولى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئاسىيا – ياۋروپا چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت ھەمكارلىقى ‹‹پارلاق يول›› يېڭى ئىقتىسادىي سىياسىتى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە بولۇپ، بۇ چوقۇم لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرىدۇ، لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقلىرىگە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.

    يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە ۋاڭ خۇنىڭ، لى جەنشۇ، ياڭ جيېچى قاتارلىقلار قاتناشتى.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001363525381