سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ بىلەن نەزەربايېۋ سۈرەتلەر توپلىمى نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-07

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى. 2017 – يىلى جۇڭگو قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ يېقىندا ‹‹گۈزەل جۇڭگو – گۈزەل قازاقىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى <پارلاق يول> بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى›› ناملىق سۈرەتلەر توپلىمى نەشر قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلىدى.

    شى جىنپىڭ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: 2017 – يىلى جۇڭگو بىلەن قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، قازاقىستان تۇنجى قېتىم ‹‹جۇڭگو ساياھەت يىلى›› ئۆتكۈزدى. جۇڭگو – قازاقىستان ھەمكارلىشىپ نەشر قىلغان ‹‹گۈزەل جۇڭگو – گۈزەل قازاقىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى <نۇرلۇق يول> بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى›› ناملىق سۈرەتلەر توپلىمى ئىككى دۆلەتنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئەت، ئادىمىيەت مەنزىرىلىرىنى دۇنياغا نامايان قىلىش، جۇڭگو – قازاقىستان خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان يىپەك يولىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. جۇڭگو – قازاقىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلاشتى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويماقتا.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 2016 – يىلى جۇڭگو قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرى ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى <پارلاق يول> يېڭى ئىقتىسادىي سىياسىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى››نى ئىمزالاپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئىجابىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، بۇ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

    شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: قازاقلاردا ‹‹ئادەم 25 ياشتا سالاپەتلىك ھەم تالانتلىق بولۇپ يېتىلىدۇ›› دەيدىغان گەپ بار. بىز جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 25 يىل بولغانلىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بەرپا قىلىمىز.

    نەزەربايېۋ نۇتقىدا مۇنداق دېدى: دۇنياۋىلىشىش تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، قەدىمىي يىپەك يولى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە قايتىدىن نامايان بولدى. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن قازاقىستان ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ‹‹پارلاق يول›› يېڭى ئىقتىساد پىلانى ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي ھەم ئۇلۇغ سودا يولىنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

    نەزەربايېۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قازاقىستاننىڭ 2017 – يىلىدىكى ‹‹جۇڭگو ساياھەت يىلى›› دا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۆزئارا چۈشىنىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. يىپەك يولىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئىشلەنگەن بۇ سۈرەتلەر توپلىمى قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ.

    بۇ سۈرەتلەر توپلىمىنى جۇڭگو چەت ئەل تىلى ئىدارىسى ‹‹خەلق›› رەسىملىك ژۇرنىلى نەشرىياتى قازاقىستان خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بىلەن بىرلىشىپ نەشر قىلدى، 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتلەر توپلىمىغا جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ فوتوگرافلىرى تارتقان 200 پارچىدىن ئارتۇق سۈرەت تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەبىئىي تارىخىي گۈزەللىكى، تۇتاش كەتكەن تاغ – دەريا مەنزىرىلىرى، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ‹‹پارلاق يول›› بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى جۇڭگو – قازاقسىتان ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى نامايان قىلىنغان.

 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001363465021