سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شى جىنپىڭ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17- قېتىملىق يىغىنىغا ۋە ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-07

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5-ئىيۇن تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى لى خۇيلەي رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى ۋە ئاستانا مەخسۇس دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

 لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى قازاقىستان ۋە ياۋروپا-ئاسىيا رايونىدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى بولۇپ، جۇڭگونىڭ قازاقىستان قاتارلىق ياۋروپا- ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 بىرىنچى، قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش توغرىسىدا

 لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: قازاقىستان جۇڭگونىڭ دوستانە قوشنىسى ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم ھەمكارلاشقۇچى شېرىكى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 25 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتى مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستانە مەنپەئەت يەتكۈزۈش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. بۇ قېتىمقىسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى قېتىم قازاقىستاندا زىيارەتتە بولۇشى. رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت مەزگىلىدە زۇڭتۇڭ نەزەربايېۋ ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان بىر قاتار دۆلەت ئىشلىرى پائالىيىتىگە، يەنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى، چوڭ- كىچىك دائىرىدىكى سۆھبەتلەر، ئىككى تەرەپنىڭ ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، كۈتۈۋېلىش زىياپىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىىنى جىپسىلاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ھەرقايسى ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىش ھەمدە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «جۇڭگو- قازاقىستان بىرلەشمە باياناتى»غا بىرلىكتە ئىمزا قويىدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئاسىيا- ياۋروپا چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنى سىنلىق ئۇلاش مۇراسىمىغا بىللە قاتنىشىدۇ، ئىقتىساد، سودا، پۇل مۇئامىلە، سۇچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى تۈرلۈك مۇھىم ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇشقا شاھىت بولىدۇ.

 لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە يەنە تەكلىپكە بىنائەن ئاستانا دۇنيا مەخسۇس كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ. بۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن دۇنيا كۆرگەزمىسى بولۇپ، «كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە» بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى قىلىنغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1000 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە ئورنى سېتىۋېلىپ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ھەم قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزگەن كۆرگەزمىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقى، ھەم جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئېنېرگىيە، بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، جۇڭگو- قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بېغىشلايدۇ.

 ئىككىنچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش توغرىسىدا

 لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن- ئاخىر ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ كەلدى. 16 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ئەزا دۆلەتلەر «شاڭخەي روھى»غا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىش، ئورتاق نەپ ئېلىشتەك يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ئۈلگە تىكلىدى. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە مەخسۇس ئەدەبىيات- سەنئەت كېچىلىكى، بىرەسمىي كەچلىك زىياپەت، چوڭ- كىچىك دائىرىدىكى سۆھبەتلەر، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، كۈتۈۋېلىش زىياپىتى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ھەم يىغىنغا قاتناشقان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ باشقا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن «ئاستانا خىتابنامىسى»غا ئىمزا قويىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ، يىغىننىڭ «ئومۇمىي ئاخباراتى»نى ئېلان قىلىدۇ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» قاتارلىق ھۆججەت ۋە ھىندىستان، پاكىستانغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىك ئورنىنى بېرىش قاتارلىق قارارلارغا ئىمزا قويىدۇ. باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ ھەم 2018- يىلى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ رەئىس دۆلەتلىك خىزمىتىگە تولۇق ئىشەنچ باغلىدى.

 لى خۇيلەي مۇنداق دېدى: بۇ يىل «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىناق قوشنىدارچىلىق ۋە دوستانە ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى، ھىندىستان، پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش تەرتىپىنى تاماملاپ بولسا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ۋە خەلقئارادىكى تەسىرى يەنىمۇ ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار گەۋدىلىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى: بىرىنچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ھالىتى، ۋەزىپىسى ۋە ئىستىقبالى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ؛ ئىككىنچى، خەلقئارا ۋە رايونغا ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن يۇقىرىقى قارالمىلارنى چۆرىدەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە قول تۇتۇشۇپ خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات، گۈللىنىشنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىرلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىدۇ. جۇڭگو «شاڭخەي روھى»نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۆزئارا ئىشىنىشىنى مۇستەھكەملەپ، بىخەتەرلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت ئالاقىسى، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، تاشقى ئالاقە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، جۇڭگونىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا ئالاقىدار تەسەۋۋۇرلارنى تونۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001363436001