سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ھەقىقىي ئومۇملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى مۇھىت يارىتىشىمىز كېرەك

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-05

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 41–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 41 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 41 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەۋقەنى ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ پىرىنسىپى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنى ئاساسىي مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى تىرىشىپ ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، ئېكولوگىيە ئېڭىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىش، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشتىكى دەۋرنىڭ تاللىشى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇشنىڭ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تەدبىرى. يېشىل تەرەققىيات ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىي خىزمەتتىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، بايلىق تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشنى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، ئەڭ ئاز بايلىق سەرپىياتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى قوللاپ، تەرەققىياتتا بايلىق – مۇھىت بەدىلىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىشىمىز كېرەك.

ئۈچىنچى، ئېكولوگىيە تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيە فۇنكسىيە كاپالىتى ئاساسىي سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى بىخەتەرلىكى ئاخىرقى چېكى، تەبىئىي بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىزىل سىزىقنى چىڭ ساقلاپ، ‹‹ئۈچ يۇقىرى›› (ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىشى ئېغىر، بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى يۇقىرى) تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹بىر قوللۇق ›› قاراپ چىقىپ تەستىقلاش تۈزۈمى، مۇھىت ئاسراشنى ‹‹بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش›› تۈزۈمى، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى قوغداش تۈزۈمى ۋە بوشلۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىمىز كېرەك.

تۆتىنچى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى قۇرۇپ، بىر تۈركۈم زور ئېكولوگىيەنى تۈزەش، قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تاغ – دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق رايونلاردا سۇ – تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرىنى تېخىمۇ سۈزۈك، مۇھىتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق تەرەققىياتى ۋە سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

 بەشىنچى، ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش ۋە تاقاش، توختىتىشنى تېزلىتىپ، بۇلغىما چىقىرىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىما مەنبەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلۈپ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر – بازارلارنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى، ئاساسىي دەريا – ئېقىنلار، كۆللەرنىڭ سۇ سۈپىتىنى ياخشى ساقلاپ، تۇپراقنىڭ مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ساقلاپ، تېرىلغۇ يەر ۋە قۇرۇلۇش يېرىنىڭ مۇھىت بىخەتەرلىكىنى ئاساسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

 ئالتىنچى، يېشىللىق ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تېجەشلىك بولۇش ئېڭى، مۇھىت ئاسراش ئېڭى، ئېكولوگىيە ئېڭىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەلنى مايىل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېشىللاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر بىر كىشىنى ئاڭلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېشىل تەرەققىيات ئېڭىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن بولۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

 يەتتىنچى، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. چەكلەش بىلەن رىغبەتلەندۈرۈشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، قائىدە – نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە نەتىجىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى باھالاش چارىسى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ كەسكىن قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

 سەككىزىنچى، قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى رەھبەرلەر تۇتۇش، رەھبەرلىكنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، رەھبىرىي كادىرلار ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەت – تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە ئىش تەقسىملەپ، زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

 شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن يىغىنغا قاتناشتى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001363410661