سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

‹‹شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر›› نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-02

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تارىخىي ھۆججەتلەر تەتقىقات ئىشخانىسى تەھرىرلىگەن ‹‹شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر›› (خەنزۇچە نۇسخىسى) يېقىندا مەركىزىي تارىخىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

 پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىلىرىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم تەدبىر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنى سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلدۇردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا قانداق قاراش، قانداق ئىشلەش كېرەك، دېگەن مۇھىم مەسىلىنى چوڭقۇر تونۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇيغۇنلىشىش، ئۇنى ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

 ‹‹بايانلاردىن ئۈزۈندىلەر›› ئون مەخسۇس تېمىدىن تەركىب تاپىدۇ: تەرەققىيات ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى؛ خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئۇنى ئىگىلەپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش؛ يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەنى يولغا قويۇش؛ ئوچۇق ئىقتىسادنىڭ سەۋىيەسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئۆستۈرۈش؛ مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش ئاساسىي خىزمەت رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەتكە رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. كىتابقا 494 پارچە بايان كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ بايانلار يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 – يىل 11 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 2017 – يىل 3 – ئاينىڭ 12 – كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە سۆزلىگەن سۆزلىرى، دوكلاتى، كۆرسەتمىسى قاتارلىق 120 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت ئىچىدىن تاللاپ ئېلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن بايانلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىنىشى. 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001363344001