سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»: «بىرىكمە مۇشت» ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-01

    دەل پەرقلەندۈرۈش، كەسىپلەر بويىچە يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش، خەلق تۇرمۇشى ئارقىلىق يۆلەش، جامائەت مۇلازىمىتى ئارقىلىق يۆلەش، ئاساسنى پۇختىلاش ئارقىلىق يۆلەش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، «ئالتە دەل»، «بەش بىر تۈركۈم»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت، ئائىلە، شەخسلەرنى نىشان قىلىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، نامراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى.

    ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلدىن باشلاپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ كەنتنى ھۆددىگە ئېلىپ ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئەترەت ئەزالىرى ۋەكىل، ئىدارە ئارقا تىرەك، بىرىنچى قول باشلىق ئومۇمىي جەھەتتىن مەسئۇل بولۇش»تا، نامرات كەنت نامراتلىقتىن قۇتۇلمىسا، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىن قول ئۈزمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قەتئىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ جەڭنىڭ قەتئىي غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نامراتلارنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    بىر ئائىلىگە بىردىن تەدبىر قوللىنىلىپ، ئاممىنىڭ بېيىش يوللىرى كېڭەيتىلدى

    مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ ئاياق قارا كۆلنۇر كەنتىدىكى نامرات ئائىلە سەمەت نۇرنىڭ بېغىدىكى ئۈجمىلەر مەي باغلاپ پىشقان، كونا قوي قوتىنى يېڭىدىن سېلىنغان، يۆلەش چۈجىلىرى يېڭى كاتەككە سولانغان بولۇپ، يېڭىدىن قوپۇرۇلغان ھويلا تېمى يېڭى تۈس بەرگەنىدى... ئۇ مۇنداق دېدى: كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت، ھازىر ھويلام «ئېچىلىڭ داستىخىنىم»غا ئايلاندى. قوي، توخۇ ۋە كۆكتاتتىن كىرىم قىلىۋاتىمەن. مەن يەنە كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پايچىك بولدۇم، ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!

    ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئاياق قارا كۆلنۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى سەمەت نۇر ئائىلىسىگە ياردەم قىلغاچقا، مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، نامرات ئائىلىلەرگە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ھويلا- ئاران ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق نامرات ئائىلىلەرنى باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەپ، «بىر ئائىلىگە بىردىن تەدبىر قوللىنىش» ئۇسۇلى بويىچە كەنتتە كىشىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.

    يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرگە قارىتا خوتەن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئادەم ئىشلىتىدىغان كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، «ئىختىيارىي تىزىملىتىش، ھۆكۈمەت ئۆتكەلنى تۇتۇش، كارخانا تەربىيەلەش» شەكلى بويىچە خوتەن ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسىنىڭ جاغلىغى كەنتىدىكى 56 ئاھالىنى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي يېڭى رايونىدىكى «لىتيەن» پولات قۇرۇلما ياساش شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ھەر بىر كىشىنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەندىن 3000 يۈەنگىچە بولۇپ، يەنە ھەقسىز ياتاق- تاماق ھەل قىلىپ بەردى.

    كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى بىر تەرەپتىن ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «كىمنى يۆلەش» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ھەممە ئائىلىگە كىرىم قىلىش يولى، ھەممە كىشىگە قىلىدىغان ئىش تېپىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئايمۇئاي كىرىم قىلالايدىغان قىلدى.

    دەل جايىدا كۈچەپ، كەسىپلەرنى زورايتىپ، تەرەققىياتنى تېزلەتتى

    دۆربىلجىن ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە خوجېرتى موڭغۇل يېزىسىنىڭ جىڭشىكېسۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەرلىك ئەۋزەللىككە بىرلەشتۈرۈپ، «1+4 ئۇششاق چارۋىنىڭ ئورنىغا چوڭ چارۋا بېقىش» تۈرىنى يولغا قويۇپ، ھەر يىلى 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، غاز چۈجىسى سېتىۋېلىپ، ئۇنى نامرات ئاممىغا تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ يىل ئاخىرىدا غازلارنى سېتىپ، ئات، كالا، قوي قاتارلىق چوڭ چارۋىلارنى سېتىۋېلىپ كىرىمىنى سىجىل كۆپەيتىشىگە يول ئېچىپ بەردى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى نامرات كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى 100 مىڭ يۈەنگە يېقىن كۆپەيتىپ، كىچىك تۈر ئارقىلىق چوڭ خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆردى.

    بۇ بىرنەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى قىلىپ، نامرات كەنتلەرنى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، باغۋەنچىلىك، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشقا، يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرگە قاتنىشىشقا يېتەكلىدى ۋە تەشكىللىدى؛ بېيىش باشلامچىلىرى، يېزىلاردىكى قابىل كىشىلەر، باي ئائىلىلەر قاتناشقان ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ خىل شەكىلدە يېزا ئىگىلىكىنى مۇۋاپىق كۆلەمدە باشقۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى؛ نامرات كەنتلەردە مۈلۈك پايدىسى ئارقىلىق يۆلەش، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يۆلەش، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق يۆلەش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈردى.

    كەنت دەرىجىلىك خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىدىن تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، سۇچىلىق، يەر تۈزلەش ۋە رەتلەش، ئېلېكتىر، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش، قاتناش، سودا- ئوبوروت، كوچا قۇرۇلۇشى، بىخەتەر سۇ ئىچىش، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلار «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى كەنتلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشقا پۇختا ئىجتىمائىي ئاساس سالدى.

    ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى 14 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ كەنت خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرىدىن جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇقنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلغان.

    نامراتلىق يىلتىزىدىن تۈگىتىلىپ، ھەم «يانچۇق» تومپايدى، ھەم «كاللا» ئېچىلدى

    نامرات ئائىلىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ سۇبيېكتى بولۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ سۇبيېكتلىق ئېڭىنى قوزغىتىپ، ئۇلاردا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى نامرات كىشىلەر توپىدىكى «ئىچكى ئامىل»لارنى تولۇق قوزغىتىپ، ئىدىيە جەھەتتە يۆلەپ، ئۇلارنى كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۇلۇغ ئىشىغا پائال ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

    ھەر دۈشەنبە كۈنىدىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا، ھەر جۈمە كۈنىدىكى پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرى پائالىيەت كۈنىدە، ھەر ھەپتىدىكى دېھقانلار كەچلىك كۇرسىدا... كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى تەشۋىقات ئەترىتىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى بېيىش تەجرىبىلىرىنى، بېيىشقا دائىر مىساللارنى سۆزلەپ، بېيىش ماھىرلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، «ساقلاپ تۇرۇش، يۆلىنىۋېلىش، ئېلىش» ئىدىيەسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئەمگىكىگە تايىنىپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

    بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى يەنە تىرىشىپ ئاممىغا ئەمەلىي ھەم ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ بېجىرىپ بېرىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى، 2016- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خىزمەت ئەترەتلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ماھارەت يېتىلدۈرۈش كۇرسىدىن جەمئىي 31 مىڭ مەيدان (قېتىم) ئۇيۇشتۇردى، ئاممىغا 63 مىڭدىن ئارتۇق ئەمەلىي ھەم ياخشى ئىش قىلىپ بەردى، 362 مىڭدىن كۆپرەك ئائىلىدىن ھال سورىدى ھەم ئۇلارغا ياردەم بەردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تەشكىلاتلار پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى شى گاڭ مۇنداق دېدى: كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ كەنتنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە باغلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۆلەش - ئېچىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى زور ئورۇنلاشتۇرمىسىدۇر، شۇنداقلا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە يېڭى تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قاتنىشىش ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ باشلامچىسى ۋە ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا قەتئىي كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001363309531