سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭ بۇ يىل تارقاتقان يەرلىك زايوم 24 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-31

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 29-ماي تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2017-يىللىق 2-تۈركۈمدىكى 8 مىليارد 410 مىليون يۈەنلىك ھۆكۈمەت زايومىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاتقان، يىل بېشىدا تارقىتىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 15 مىليارد 650 مىليون يۈەنلىك يەرلىك زايومنى قوشقاندا، شىنجاڭ بۇ يىل تارقاتقان يەرلىك زايومنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 24 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2017-يىللىق 2-تۈركۈمدىكى يەرلىك زايوم ئىسچوتلۇق مۇقىم ئۆسۈملۈك، ھەممىسىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان، ئۈچ يىل ۋە يەتتە يىل مۇددەتلىك زايوم ئىكەن. ئۈچ يىللىق ۋە يەتتە يىللىق يەرلىك زايومنىڭ ئۆسۈمى يىل بويىچە ھېسابلىنىدىكەن، بەلگىلىمە بويىچە مەملىكەتتىكى بانكا زايوم بازىرى ۋە ئاكسىيە بىرژىسى زايوم بازىرىدا ئوبوروت قىلىشقا بولىدىكەن، زايومنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن دىرى بىر قېتىمدىلا قايتۇرۇپ بېرىلىدىكەن.

    جۇڭگو زايوم ئىناۋىتىنى باھالاش چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن باھالىغان ئۇنىۋېرسال باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 2017- يىللىق 2- تۈركۈمدە ئاشكارا تارقىتىلغان شىنجاڭ ھۆكۈمەت زايومىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى AAA دەرىجىلىك ئىكەن.

    ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ 1-پەسىلدىكى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 179 مىليارد 185 مىليون يۈەنگە يەتكەن، سېلىشتۇرما باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 2016- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %7.6 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سۈرئىتىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت، 2015- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 0.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، بۇ، 2015- يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى پەسىلدە يارىتىلغان ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001363280901