سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

«يۇرتداشلارنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەيمەن»

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-31

    بۇ يىل 6000دىن ئارتۇق كىشىنى تەشكىللەپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، كەنتتىكى تېخىمۇ كۆپ نامرات ئائىلىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىدىم. ھازىر ئادەم ئىشلىتىدىغان تۆت چوڭ ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىپ بولدۇم. بۇ يىل 10- ئايغىچە كۆپچىلىككە ئىشلەيدىغان ئىش چىقتى، − دېدى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى سىركىپ كەنتىدىكى دېھقان يۇنۇس نىياز.

    44 ياشلىق يۇنۇس نىياز سىركىپ كەنتىدىكى خېلى نامى بار ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىسى. 2016- يىلى ئۇ 3000دىن ئارتۇق كىشىنى تەشكىللەپ، ئەتراپتىكى يېزا- بازارلارغا بېرىپ ئىشلىدى، ئۇلارنىڭ %90ى سىركىپ كەنتىدە ئارخىپ- كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەر ئىدى، يۇنۇس نىياز تىرىشىش نەتىجىسىدە، 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

    يۇنۇس نىياز سىركىپ كەنتىدىن بولۇپ، ئائىلىسىدىكى بەش جان بىر مو ئۈزۈملۈككە تايىنىپ جان باقاتتى، ئۈچ بالىسىنى ئوقۇتقاچقا، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتەتتى. 2011- يىلى يۇنۇس نىياز قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، 190 مىڭ يۈەنگە داۋالىنىپ، قەرزگە بوغۇلغانىدى. قەرز قايتۇرۇش ئۈچۈن، يۇنۇس نىياز ئائىلىسىدىكى بىر مو ئۈزۈملۈكىنى ھۆددىگە بېرىۋەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ تەس كۈنگە قالدى. شۇنداق قىلىپ يۇنۇس نىياز كەنت بويىچە ئارخىپ- كارتا تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

    ئۇنىڭدا تېرىلغۇ يەر ياكى كەسپىي تېخنىكا بولمىغاچقا، خوتۇنى بىلەن ئەتراپتىكى يېزا- بازارلارغا بېرىپ، پارچە- پۇرات ئىش قىلىپ جان بېقىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ ئىشلەش جەريانىدا، لۈكچۈن بازىرى سىرتتىن كېلىپ ئىشلەيدىغانلار توپلىشىدىغان جاي بولۇپ قالغانلىقىنى، بۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمگەك مۇلازىمەت بازىرىنىڭ بىرقەدەر قالايمىقان ئىكەنلىكىنى، بەزىدە ئادەم ئىشلەتكۈچىلەر ئىشلىگۈچىلەرنى، ئىشلىگۈچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچىلەرنى تاپالمايدىغانلىقىنى بايقىدى. يۇنۇس نىياز بۇنىڭدىن سودا پۇرسىتىنى تېپىۋالدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن ئادەم ئىشلىتىدىغان- ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى سورىدى ھەم كەنتتىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولغان نامرات ئائىلىلەر بىلەن ئالاقىلەشتى. بۇ جەرياندا، يۇنۇس نىياز ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن كەنت ئاھالىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەشكۈچى بولۇپلا قالماي يەنە ئارىدىن پايدا ئېلىشقا باشلىدى.

    2013- يىلى 10- ئايدا يۇنۇس نىياز پىچان ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى ھەم سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشىپ، رەسمىي ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىسىگە ئايلاندى. بىر نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق ھازىر يۇنۇس نىياز شۇ جايدىكى خېلى نام- ئاتىقى بار ئەمگەك مۇلازىمەت ۋاسىتىچىسىگە ئايلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىنى تاپتى. ئۇنىڭ تەشكىللىشى ۋە يېتەكلىشى بىلەن، سىركىپ كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئاكتىپلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، بەزىدە بىر كۈندە 800دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى سىرتقا چىقىپ ئىشلىدى، كۆپلىگەن كەنت ئاھالىلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلىكتىن بۇرۇنقى تۇرمۇش شارائىتى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى.

    52 ياشلىق ئابدۇرېھىم سايىم ئائىلىسىنىڭ پەقەت ئۇچ مو يېرىدە ئۈزۈملۈكى بولغاچقا، كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمىنى قامدىيالمايتتى، ئىككى بالىسىمۇ مەكتەپتىن توختاپ قالىدىغانغا ئاز قالغانىدى. بۇلتۇر ئۇ يۇنۇس نىيازنىڭ يېتەكلىشى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپ كىرىم قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يۇنۇس نىياز بېيىش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم بەردى، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقىپ ئىشلەيمەن.

    يۇنۇس نىياز مۇنداق دېدى: مەن كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندە، ئۇلار دائىم ماڭا: ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلەش كېرەك! دۆلىتىمىز بۇنچە كۆپ ياخشى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، شۇنچە كۆپ كىشى بىزگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ، ئىشلەشنى خالىساقلا ئىش چىقىدۇ، چوقۇم بېيىپ كېتەلەيمىز، − دەيدۇ. ھازىر، يۇنۇس نىيازنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. ئۇ قەرزلىرىنى قايتۇرۇپلا قالماي يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈۋالدى. ئۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەن نۇرغۇن يۇرتداش بېيىش يولىنى تاپتى. بۇلتۇر 7- ئايدا يۇنۇس نىياز كەنت ئاھالە كومىتېتىغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىلتىماسىنى سۇندى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى.

    بۇ يىل يۇنۇس نىيازنىڭ ئىشەنچىسى ۋە غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ ئاز سوممىلىق قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىپ، ۋاقتىدا ئىش ھەققىنى ئالالمىغان نامرات ئائىلىلەرگە ئىش ھەققى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپچىلىكنى بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىمەكچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزۈم بېيىساملا بېيىغانلىق بولمايدۇ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلىرىمنى بېيىش يولىغا يېتەكلەيمەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001363280601