سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

گېئېرمۇ–كورلا تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسىگە رېلىس ياتقۇزۇلۇشقا باشلىدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-31

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنىڭ، 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنى تېلېگراممىسى. گېئېرمۇ – كورلا تۆمۈريولىنىڭ باش بېكىتى گېئېرمۇ جەنۇبىي ۋوگزالىدىن باشلاپ تۇنجى رېلىس ياتقۇزۇلۇشقا باشلىدى، بۇ، مەزكۇر تۆمۈريولنىڭ ئومۇمىي لىنىيەسىدە رېلىس ياتقۇزۇلۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا گېئېرمۇ – كورلا تۆمۈريولى چىڭخەي بۆلىكىدە قاتناش باشلىنىشىغا ئاساس سالدى.

    گېئېرمۇ – كورلا تۆمۈر يولى شەرقتە چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گېئېرمۇ شەھىرىدىن باشلىنىپ، غەربتە كورلا شەھىرىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 1213.7 كىلومېتىر، بۇنىڭ 505.6 كىلومېتىرى چىڭخەي ئۆلكىسىدە. ئومۇمىي لىنىيە بويىچە گېئېرمۇنىڭ جەنۇبى، گەنسېن، چاقىلىق، كورلىنىڭ شەرقى قاتارلىق 86 بېكەت تەسىس قىلىنغان، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى دۆلەت 1 – دەرىجىلىك ئېلېكتىرلەشكەن تاق لىنىيەلىك تۆمۈر يول بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 120 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن.

    گېئېرمۇ – كورلا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى 2014 – يىلىنىڭ ئاخىرى باشلانغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى بەش يىل. چىڭخەي – شىزاڭ تۆمۈريول شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، گېئېرمۇ – كورلا تۆمۈريولىدا 2019 – يىلى ئومۇمىي مۇساپە بويىچە قاتناش باشلىنىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چىڭخەي بۆلىكىدە 2018 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىدىكەن.

    بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، گېئېرمۇ بىلەن كورلىنىڭ ئەسلىدىكى 26 سائەتلىك مۇساپىسى 12 سائەتكە قىسقىرايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىشتا قومۇلدىن ئايلىنىپ ئۆتمەي، شىنجاڭدىن چىقىشنىڭ يېڭى چوڭ يولى شەكىللىنىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، گېئېرمۇ – كورلا تۆمۈريولى ئېلىمىزنىڭ غەربىي ئاسىيا، ئوتتۇرا دېڭىز ۋە قارا دېڭىز رايونىغا تۇتىشىدىغان قۇرۇقلۇق يول تىرانسپورت چوڭ يولىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونى، بولۇپمۇ چىڭخەي ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تۆمۈريول تورى قۇرۇلمىسىنى مۇكەمەللەشتۈرۈش، لىنىيە بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد – سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە بايلىقنى ئېچىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001363280561