سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئىسلاھاتلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى پائال كېڭەيتىپ، دائىرىلىك ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-25

  شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 35-يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

 ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئىسلاھاتلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى پائال كېڭەيتىپ، دائىرىلىك ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ ، 5-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 35- يىغىنىغا رىياسەتلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ياخشى تۇتۇش ئىسلاھات ئومۇمىيىتىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەستايىدىل پىلانلاپ، ئىسلاھاتلارنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇر ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىزدىنىشكە ئىلھام بېرىپ، دادىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئويلاشقا، ئىشلەشكە، يول ئېچىشقا، سىناشقا جۈرئەت قىلىپ، كۆپەيتىشكە، كېڭەيتىشكە بولىدىغان تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، دائىرىلىك ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا «مائارىپ تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كەسىپلەرنىڭ يېتەكچى كاتالوگى (2017-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن)»، «كارخانىلارنىڭ چەت ئەلدىكى تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «بايلىق-مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۆزىتىش-سىگنال بېرىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «مۇھىتنى كۆزىتىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىت كۆزىتىش سانلىق مەلۇمات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «شەخسىي كىرىم ۋە مال-مۈلۈك ئۇچۇرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»، «رايون ھالقىغان مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى»، «دېڭىز تەۋەلىكى، ئاھالىسىز ئارالدىن ھەقلىق پايدىلىنىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى دەۋالىرىدىكى ئەيىبلەشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەھۋالى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەت توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا، «جايلار، تارماقلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 33- يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات»، «مائارىپ ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى نۇقتىلىق ئىسلاھات خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»، «پۇتبول ساھەسىدىكى نۇقتىلىق ئىسلاھات خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001363147501