سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

دۆلىتىمىز دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-19

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

    دۆلىتىمىز دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى يۈزىسىدىن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

    زېمىن – بايلىق مىنىستىرلىقى، جۇڭگو گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ھەم دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەتقىقات، سىناش ئورۇنلىرىغا ۋە بارلىق يولداشلارغا:

    دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە قاتناشقان بارلىق تەتقىقات، سىناش ئورۇنلىرى ۋە خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ!

    تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرى بايلىق مىقدارى مول يۇقىرى ئۈنۈملۈك پاكىز ئېنېرگىيە بولۇپ، كەلگۈسىدە دۇنيا ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك يۇقىرى پەللە ھېسابلىنىدۇ. 20 يىلغا يېقىن بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېچىش نەزەرىيەسى، تېخنىكىسى، ئۈسكۈنىسىدە مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلدى. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىش قىلىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر دېڭىزغا كىرىش، چوڭقۇر دېڭىزدا تەكشۈرۈش، چوڭقۇر دېڭىزنى ئېچىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكا جەھەتلەردە ئېرىشكەن زور نەتىجە، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا پەن – تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققانلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك ئۇتۇق بولۇپ، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

    دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى سىناق قىلىپ ئېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى پەقەت ئون مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەردىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم، كېيىنكى ۋەزىپىلەر يەنىلا مۇشەققەتلىك ۋە ئېغىر. سىلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى بولۇپمۇ يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يۈرۈش قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، دېڭىز – ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداپ، تەبىئىي گازلىق سۇ بىرىكمىلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش، ئېچىش، كەسىپلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور، يېڭى تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!

    ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى

    گوۋۇيۈەن

    2017 – يىل 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362987051