سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئۈرۈمچىدە تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى 24-ئىيۇل ئېلىنىدۇ

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-19

    مۇخبىرنىڭ 18-ماي ئۈرۈمچى شەھەرلىك 2017-يىللىق ئاساسىي مائارىپ، كەسپىي مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى 24-، 25-، 26-ئىيۇن كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ يىل ئۈرۈمچىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 20 مىڭ 735 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 17 مىڭ 875 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەرگە 2860 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن. 1-تۈركۈمدە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 11 مىڭ 55 نەپەر بولۇپ، بۇلتۇرقى بىلەن ئاساسەن تەڭ ئىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى 55 دىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362986961