سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ياۋا ياپىلاق تۇمشۇق بېلىق باغراش كۆلىدە قايتا پەيدا بولدى

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-19
ياۋا ياپىلاق تۇمشۇق بېلىق(ماتېرىيال سۈرەت)

    مۈشۈكئېيىققا ئوخشاش ئەتىۋارلىق بولغان شىنجاڭ ياۋا ياپىلاق تۇمشۇق بېلىقى 20 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە باغراش كۆلىدە قايتا پەيدا بولدى.

    مۇخبىرنىڭ 16-ماي باغراش ناھىيەلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 12-ماي، يەرلىكتىكى بىر بېلىقچى باغراش كۆلىنىڭ قىزىل قۇم سۇ دائىرىسىدە سازلىق ئەركەك بېلىقىنى تۇتىۋاتقاندا تورغا ياۋا ياپىلاق تۇمشۇق بېلىق ئىلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغان، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىدىن قارىغاندا، بۇ بېلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 9 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 840 گىرام بولۇپ، بەش ياشقا كىرگەن. بۇ 1998-يىلدىن بۇيان باغراش كۆلىدە ياۋايى ھالەتتە ياشىغان شىنجاڭ ياپىلاق تۇمشۇق بېلىقنىڭ يەنە بىر قېتىم بايقىلىشى ئىكەن.

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362986921