سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە جەڭ ئېلان قىلىمەن

مۇھەررىر: ۋۇ ۋېنشيا
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-19

ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسى خەلق تۇرمۇشى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى سىمسىز تېلېگراف مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاھىر ئاۋۇت

    جۇڭگو تارىخىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ياراتقان.

    مەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرى ئۇيغۇر كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم. بالىلىق دەۋرىمدە ئۇيغۇر مىللىتى ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست، قىزغىن، سېخىي، ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر دەپ تەرىپلىنەتتى، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ قەلبىدە گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرغانىدى. لېكىن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى دېلولىرىنى قايتا – قايتا سادىر قىلىپ، تىنچلىقنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقايماس جاراھەت پەيدا قىلدى، بىز بۇنىڭدىن ئازابلاندۇق ۋە غەزەپلەندۇق، ئۇيغۇر ئامما ‹‹زوراۋان – تېررورچى›› دېگەن يامان نامغا قالدى. ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە ياشاپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر ئامما ھەر قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بىگۇناھ ئاممىنى كۆرگىنىدە قاتتىق ئازابلاندى ۋە غەزەپلەندى.

    ئەجەبا ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇر مىللىتى يەنىلا ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست، قىزغىن، سېخىي، تىنچلىقنى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان مىللەت. خەنزۇ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت دوستلىرىم، خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئۇزاق يىل ئالاقە قىلىش داۋامىدا مەن بۇ جاۋابنى تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈردۈم. ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زوراۋان – تېررورچىلار ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىن چىققان مۇناپىقلار، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر مىللىتى دەپ ئاتاشقا لايىق ئەمەس.

    خىزمەت ۋە تۇرمۇش جەريانىدا، بولۇپمۇ 2014 – يىلى تۇنجى تۈركۈمدە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان ۋە ئاپتونوم رايونلۇق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە، مەن پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان غەمخورلۇقىنى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاممىغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم؛ ماڭا ئوخشاش ھەر بىر ئۇيغۇر پارتىيە ئەزاسى ۋە كادىر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىمىز، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە جەڭ ئېلان قىلىشىمىز؛ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىمىز، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، مىللەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، بولۇپمۇ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

[ئابىدە]
010020070830000000000000011100001362986911