سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

شىنجاڭدىكى 860 كىچىك بازار بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-19

    بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى تىجارەت رايونى ئىچىدىكى 860 كىچىك بازار ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنداقلا  تۈزلەڭ رايونلاردىكى ئېتىز-ئېرىق سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق ماشىنىلاشقان قۇدۇقلارغا توك يەتكۈزۈلۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

    مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى 2016-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن «ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ ، شىنجاڭدىكى كىچىك بازارلار(مەركىزىي كەنت)لارنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە بارلىق قۇدۇقلارغا توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالىغان.

    كېلىشىم بويىچە، 2016-يىلدىن 2017-يىلغىچە، دۆلەت ئېلېكتر تورى شىركىتى 1 مىليارد 986 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىككى يىل ئىچىدە 860 كىچىك بازار(مەركىزىي كەنت)نىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، بۇنىڭدىن 1 مىليون 150 مىڭ نوپۇس نەپ ئالىدۇ؛ 339 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تىجارەت دائىرىسىنىڭ تۈزلەڭ رايونلىرىدىكى ئېتىز-ئېرىق سۇغۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغان 5922 ماشىنىلاشقان قۇدۇققا ئىككى يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي توك يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭغا تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ مو يەر چېتىلىدۇ. 

[مەريەمگۈل]
010020070830000000000000011100001362986891